لوندوندا باشلانغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-09-10
Share
لوندوندا باشلانغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنجى قېتىملىق ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 9-سېنتەبىر رەسمىي باشلاندى.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئالدى-كەينىدە «پىسەنت قىلمايمىز» دەپ تۇرۇپ، «ئۇيغۇر سوتى» نى ئىمكانى يار بەرگەن دەرىجىدە قارىلاپ، ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. بۇ نۆۋەتمۇ «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى قاتتىق ئەيىبلەشنى، قارىلاشنى باشلىدى.

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقتى» تورىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-سېنتەربىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر» توغرىسىدا تور ئارقىلىق بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۇ گۈيشياڭ قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزىدە ئالدى بىلەن «كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش»، «دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش»، «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە خورلاش»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قاتارلىق «خىتايغا قارشى ئۇنسۇرلار ئويدۇرۇپ چىقارغان 28 يالغان پاكىت» نى پاش قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، شۇ گۈيشياڭ سۆزىدە «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ قارا چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، بۇ ئاتالمىش سوتنىڭ ئەدلىيە ئورگىنى ئەمەسلىكىنى، گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭمۇ ئەدلىيە تەرتىپى ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۇ سوتنىڭ ئۇچىغا چىققان ساختىكار، بىمەنە، كۈلكىلىك ياۋايى ئورگان بولغانلىقى» نى پاش قىلغان. جېڭ زېگۇاڭ بولسا «ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ساختا سوت ئىكەنلىكىنى، خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان بىر مەيدان ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكىنى، سوتنىڭ غەلىبە قازىنالمايدىغانلىقىنى ۋە مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى، بۇ سوتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ تەۋرەنمەس بىر سىياسەت بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن». خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ سوتنى مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، «ئۇيغۇر سوت كوللوگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن لوندۇندا مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى. خىتاينىڭ بىر كۈن بۇرۇن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىپ سوتنى ئەيىپلىشىگە قارىتا لوندۇندا سوتقا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ سوتنىڭ نەتىجىسىدىن خىتاينىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيەدىكى ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەگەر بۇ سوتتىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارى چىققان تەقدىردە، خىتاي ھاكىمىيىتىنى خەلقئارادا ئېغىر ۋەزىيەتكە قويىدىغان 3 تۈرلۈك يامان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى.

10-سېنتەبىر لوندۇندا باشلانغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 13-سىنتەبىرگە قەدەر 4 كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن شاھىدلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندىن تاشقىرى، يەنە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ياتىدىغان-ياتمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت