فرېدىرىك ستار: ئۇيغۇرلار يېزىق ئىشلەتكەن، شەھەرلەشكەن تۇنجى تۈركىي قوۋم

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.07.28
Frederick-Starr.jpg ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى مەركىزى ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس فرېدىرىك ستار.
Social Media

ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى مەركىزى ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس فرېدىرىك ستار يېقىندا ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ژۇرنالىست جون باشېلورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي قوۋملار ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن شەھەرلەشكەن، ئەڭ بۇرۇن يېزىق ئىشلەتكەن ۋە ئەڭ بۇرۇن دۆلەت قۇرغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ئاددىيلا «مۇسۇلمان ۋە تۈرك» دەپ چۈشەندۈرۈلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلق بولۇشتىن باشقا سالاھىيەتلەرگىمۇ ئىگىلىكىنى بىلدۈرگەن.

فرېدىرىك ستارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 22‏-ئىيۇل كۈنى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «تۈركىي خەلق ئەمەسلىكىنى، مۇسۇلمانلىقنى ئەرەبلەردىن مەجبۇرى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە ھېچقاچان دۆلەت قۇرۇپ باقمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ ئارقىدىنلا جون باشېلورنىڭ تور رادىيوسى پروگراممىسىدا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەرەبلەر تەرىپىدىن مەجبۇرى تېڭىلغانلىقى، تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەرگە قۇل بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

فرېدىرىك ستار جون باشېلورنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغانلىقى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامايدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق خەلق ئىكەنلىكى، قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئۆزىنىڭ تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئۇلار ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتكەن، شۇنداقلا شەھەرلەشكەن تۇنجى تۈركى قوۋم بولۇپ، ئۇلار مۇكەممەل شەھەر ھاياتىنى بەرپا قىلغان خەلقتۇر. ئۇلار تاراتقۇلاردا تەسۋىرلەنگەندەك نوقۇل مۇسۇلمان ۋە تۈركى قوۋم ئەمەس. ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سالاھىيەتلەرگە ئىگە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئېڭىغا ساھىب بىر خەلقتۇر.»

فرېدىرىك ستار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 10‏-ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنى كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دەۋردە يۈسۈپ بالاساغۇنى، مەخمۇت قەشقىرىدەك ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر، تىلشۇناسلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ «قۇتاتغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.