ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت ۋە تەپتىشنىڭ خىزمەت دوكلاتى رايوننىڭ ئۆتكەن يىللىق تۇتقۇن ئەھۋالىنى قىسمەن ئاشكارىلىغان

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 3-مارت كۈنىدىكى سانىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى دوكلات ئەسلى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىكەن.

بۇ ئىككى دوكلاتنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى ئورگاننىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ خېلى زور كۆپ بىر قىسمىنىڭ «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» ۋە «مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» نامىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى يوڭجۈن تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» دا، «ئۆتكەن بىر يىلدا رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى 12 مىڭ 901 تۈرلۈك جىنايەتلەر بويىچە جەمئىي 26 مىڭ 942 ئادەمنى قولغا ئالدى، 28 مىڭ 490 دېلو بويىچە 44603 ئادەمنى ئەيىبلىدى، بىخەتەر شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى،» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يەنە ئۆتكەن بىر يىلدا «210 مىڭ 900 پارچە ھۆكۈم ھۆججىتى ئاۋامغا ئېلان قىلىندى. 25 مىڭ 500 قېتىملىق سوت نەق مەيداندىن تارقىتىلدى، زاسېداتېللار، يەنى سوت مەيدانىدىكى باھالىغۇچىلار 32 مىڭ دېلوغا قاتنىشىپ، ئادىللىق بىلەن ئادالەتنى سىناق قىلدى،» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت ئوقۇپ ئۆتكەن «ئاپتووم رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت دوكلاتى» دا، «ئاپتونۇم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 668 مىڭ 900 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 606 مىڭ 200 دېلونى ئاخىرلاشتۇردى، يۇقىرى سوت 5820 دېلونى قوبۇل قىلدى ۋە 5271 دېلونى ئاخىرلاشتۇردى،» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل دوكلاتىدا يەنە «2021-يىلى سوت مەھكىمىسىنىڭ نەق مەيداندا ئەنگە ئالدۇرۇش نىسبىتى 95 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى. توردا ئەنگە ئالدۇرۇش نىسبىتى 74.69 پىرسەنت بولدى. دائىرە ھالقىغان ئارخىپ 2177، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت قىزىق لىنىيىسى 12368، 30 پىرسەنت سوتچى، 549 تېز ھۆكۈم چىقىرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق دېلوغا قاراپ چىقتى. بۇ يەكۈنلەنگەن دېلولار ئومۇمىي ساننىڭ 41.33 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، سوتچىلار كىشى بېشىغا 173 دېلونى بىر تەرەپ قىلدى،» دېگەن.

خىتاينىڭ سوت ۋە ئەدلىيە سىستېمىسنى يېقىندىن بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكادىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ھالقىلىق مەسىلە ھەرگىزمۇ تۇتقۇن قىلىنغان جىنايەتچىلەر ياكى بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكەنلىكىدە ئەمەس. چۈنكى خىلقئارا تاراتقۇلاردا بېرىلگەن مەلۇماتلار ۋە سانلىق ئۇچۇرلار ئىسپاتلانغان دوكلاتلاردا بىر مىليوندىن ئاشقان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. لاگېرغا قامالغانلار سانىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى دىيىشكە بولىدۇ.»

تېڭ بياۋ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئاتالمىش «قانۇنىي بەلگىلىمە» لەرنىڭ رايوندىكى سىياسىي باستۇرۇشنى ئىجرا قىلىشنىڭ قۇرالىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە، قانۇندا بەلگىلەنگەن بەزى تەرتىپلەر، يەنى پۇقرالارنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىلار بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇلدى. خىتايدىكى بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە سىياسىي نىشان ھەر ۋاقىت قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ خىل سىياسىي نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ھېچقاچان ئەمەل قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلشات ھەسەن يۇقۇرىقى ئىككى ئورگاننىڭ خىزمەت دوكلاتىدا بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار سانىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر رايوندىكى يۇقۇرى بېسىملىق باستۇرۇشنىڭ يوقىرى سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دېلولارنىڭ زور كۆپ قىسمىنى «مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋە «تېرورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك دېلولار دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل دوكلاتىدا يەنە «2021-يىلى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شۆبىسى ۋە ئۇنىڭ تارماق سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 80 مىڭ 800 دېلونى قوبۇل قىلدى، 71 مىڭ دېلونى ئاخىرلاشتۇردى،» دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىڭتۇەن تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار ھەققىدىكى بۇ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئويناۋاتقان رولىنىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنى كۆرۈشكە بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوتنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، «ئۇچۇرنى قوللاش كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوت قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. ئۈچ ئۆلچەملىك دەۋا ئەندىزىسى قۇرۇلدى. توردا 245 مىڭ 300 دېلو تۇرغۇزۇلدى، 465 مىڭ 800 دەۋا توردا مۇرەسسە قىلىندى،» دېيىلگەن.

ئادۋوكات تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توردا دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوت سىستېمىسى، سوتنىڭ مۇستەقىللىقى بولمىغان خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتتە سوتنىڭ ئادىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىغا مۇقەررەر توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.

تېڭ بياۋ يەنە مۇنداق دېدى: «توردا ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغان بىر قىسىم مەشۇلاتلارنى، يەنى بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى يوللاش، توردا دېلو تۇرغۇزۇش قاتارلىقلارنى تۇردا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. قانۇن ئورۇنلىرى بۇلارنى ئېلېكترونلۇق ئارخىپلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەمما توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان سوتلاش تەرتىپىدە مەسىلە ئېغىر بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا. بۇنىڭدا سوتچى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ. مانا بۇ سوتچىنىڭ دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇندىن باشقا سوتلاش جەريانىنى نەق مەيداندىن كۆرسىتىشمۇ بەزى ئەھۋاللاردا سوتنىڭ ئادىللىقىغا سوتچىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. خىتايدا قانۇننىڭ مۇستەقىللىقى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، زور كۆپ قىسىم دېلولاردا سوتچى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى كومپارتىيە ئورگانلىرىنىڭ گېپى ھېساپ بولىدۇ. مانا بۇ خىتايدا ئومۇملاشقان ئەھۋال.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل دوكلاتىدا يەنە سوتنىڭ سىياسىي مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ: «قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇرەككەپ كۈرەشلەردە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، سىڭىپ كىرىش، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە باشقا خەتەرلىك تۈستىكى زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش ھەمدە ھەمىشە يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ساقلاش» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

ئادۋوكات تېڭ بياۋ دوكلاتتىكى بۇ سۆزلەرنىڭ خىتايدا قانۇننىڭ سىياسى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«خىتايدىكى قانۇن ئورگانلىرى كۆپىنچى ئەھۋاللاردا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدىكى قىلىچنىڭ دەستىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. مەيلى ساقچىلار بولسۇن، مەيلى تەپتىش ياكى سوت ئورگانلىرى بولسۇن، ھەممىسى كومپارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ دوكلاتىدا بۇنداق سىياسىي شوئارلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.»

ئادۋوكات تېڭ بياۋ يەنە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ سىياسەتنى ئورۇنلاشقا بەلگىلەنگەن يېڭى پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇي دەۋرىدىمۇ رايوندىكى يۇقۇرى بېسىملىق باستۇرۇشتا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ئىككى دوكلاتتىن جۇلاسە چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ باستۇرۇشنىڭ يەنە داۋانلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.