ئىككىنچى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان بېلگىيە دىپلوماتلىرى ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يەنە كۆرۈشەلمىگەن

0:00 / 0:00

بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ بۇ يىل 31-ماي كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى بېلگىيە ئەلچىخانىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئايالى ۋە تۆت پەرزەنتىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىپ كەلمەكتىمىز. بېلگىيە دائىرىلىرى ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتە قىلىش تەلىپى بويىچە خىتايغا بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر قېتىم، ئۆتكەن ھەپتە يەنە بىر قېتىم دىپلومات ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم.

ئابلىمىت تۇرسۇن 30-ئىيۇل بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، دىپلوماتىيە خادىمى جېف بوكارد ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە يەنە بىر قېتىم دىپلومات ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ئۇلارنى ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ بېلگىيە دىپلوماتلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋابەن: «ئابلىمىت تۇرسۇننىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا يول قويمايمىز، ئەمما ئابلىمىت تۇرسۇن قايتىپ كېلىمەن دېسە، ياردەم قىلىمىز» دېگەن ئىكەن.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق بېلگىيەدىكى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدىن ئاڭلايسىلەر.