«ئۇيغۇر ھوقۇقى نازارەتچىسى» ناملىق تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بىلەن جازالىنىش مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت تارتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، لاگېر سىستېمىسىنى باشلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھە، ھەر قاتلاملىرىغا تەۋە كىشىلەرنى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى، كۆزەتكۈچىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقان بىر نوقتا بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندا ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر ھوقۇقى نازارەتچىسى» (URM) ناملىق تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جازالاش ئىستراتېگىيەسىنى تەھلىل قىلغان.
ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، «ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ناھەق، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تەرەپلىرىنىڭ بىرى» ئىكەن. 2016-يىلى باشلانغان بۇ يۈزلىنىش ھېلىھەم مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋاملاشماقتىكەن.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان «ئۇيغۇر ھوقۇقى نازارەتچىسى» (URM) ناملىق تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىي يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى جازالاشتا مۇجىمەل ۋە ناھەق جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئەيىبلەشلەر نورمال ئەھۋال ئاستىدا ھېچقانداق جىنايەتكە ياتمايدىكەن.
تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇغيول مۇنداق دېدى: «بىز تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنىڭ ‹تېرورلۇق›، ‹ئاشقۇنلۇق›، ‹جەمئىيەت مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش› قاتارلىق جىنايەتلەر بولغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇلار ئادەتتە جىنايەت تەشكىل قىلمايدىغان، مۇجىمەل ئاتالغۇلار بولۇپ، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاتالغۇلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك جازالاشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بايقىدۇق.»
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي سوت مەھكىمىلىرى ئەيىبلەنگۈچى ئۇيغۇرنىڭ جىنايىتى ئىسپاتلانغۇچە، ئۇنى ھەرگىزمۇ بىگۇناھ دەپ قارىمايدىغان بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ھەتتا سوت ئېچىلمايلا جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ دوكلاتىدا، ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، دۇنيادىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەڭ كۆپ قاماق جازالىرىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇ يەردە تەخمىنەن ھەر 25 ئادەمنىڭ بىرىنىڭ «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، «بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمگە قارشى تۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرى ۋە جۈملىدىن تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق ئىكەن. ئۇلار يەنە تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ خىتاي مەھبۇسلىرىغا سېلىشتۇرغاندا 93 پىرسەنت تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ توققۇز ھەسسە يۇقىرىلىقى»نى بايقىغان.
يالقۇن ئۇلۇغيول رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جازالىرىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىنى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش، باستۇرۇش، قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پارچىسى، دېيىشكە بولىدۇ»
مەزكۇر دوكلاتتا، تۇتقۇندىكى دوكتور راھىلە داۋۇت، پىروفېسسور ئىلھام توختى، يالقۇن روزى، گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسەت، ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپ، ئابدۇخەبەر مۇھەممەت قاتارلىقلارنىڭ دېلولىرى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك جازالارغا ئۆرنەك كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن «بۆلگۈنچىلىك»، «مىللىي ئۆچمەنلىك»، «ئاشقۇنلۇق»، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىدىن تارتىپ، ئاز دېگەندە 15 يىللىققىچە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. يالقۇن ئۇلۇغيول ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدىكى زاتلىرى ئارىسىدىن تاللانغان بۇ كىشىلەر ئۇچرىغان ئېغىر جازالارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ناھەق، مۇجىمەل ئەيىبلەشلەرنىڭ نامايەندىسى بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان بۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ئائىلىلەرگە، جەمئىيەتكە ناھايىتى زور روھىي بېسىم، ئىقتىسادىي بېسىم ۋە جەمئىيەتنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق جازالار ياشلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە بولغان ئوخشىمىغان ياش گۇرۇپپىلىرىدا ئوخشاش بولغانلىقتىن، تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىتىنى مەلۇم ياش گۇرۇپپىلىرىغا قارىتىلغان دېگەن قاراشنىمۇ بىكار قىلغان.
يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق، ئادىل سوت تەرتىپى بولماسلىق، كىچىك ياكى مۇجمەل ئەيىبلەشلەرنى جىنايەتلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە ئىكەن. شۇڭا ئۇلار تۈرلۈك مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ، بۇ دوكلاتنى ئىخچام قىلىپ تەييارلاش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئۇلار يەنە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنە تولۇقلىما دوكلاتلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.