600 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا كورلا غەربىي ۋوگزالىدىن مەخسۇس پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئالدىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تۈردە تارقالغان ۋە كۆپ ھەمبەھرلەنگەن بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ درون، يەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بوشلۇقتىن تارتىلغانلىقى، مەلۇم بىر خاككېرنىڭ ئۇنى ئوغرىلاپ، يۇتۇب تورىغا چىقارغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«ئالەم خەۋەرلىرى» (Sky News) تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقى ئېنىقلانغان، يەنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدە دېرىزىلىرى پاياتلانغان مەخسۇس پويىزغا ئېلىپ چىقىۋاتقان ئورۇننىڭ كورلا غەربىي ۋوگزالى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى 17-سېنتەبىر كۈنى بوشلۇقتىن تارتىلىپ، شۇ كۈنى خاككېرلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغان ۋە يۇتۇب تورىغا يوللانغان. 18-سېنتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تۈردە كۆرۈلۈشكە ۋە ھەمبەھرلىنىشكە باشلىغان.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى دەسلەپ تورغا قويۇلغاندا تور كېزەرلىرى: «بۇ ۋىدېيو خىتايدا تارتىلغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى،» دەپ باھا يازغان.
مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 600 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بىردەك چېچى چۈشۈرۈلگەن، ئۇلارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىدىكىلەرگە كۆك، ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى مەھبۇس كىيىمى كىيدۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قارا نىقاب بىلەن توسۇۋېتىلگەن. ھەر بىر تۇتقۇننى 2 دىن خىتاي ساقچى قولتۇقلاپ پويىزغا ئېلىپ چىققان. سىن كۆرۈنۈشىنى يېقىنلاشتۇرۇپ قارىغاندا كۆك كىيىملىك تۇتقۇنلارنىڭ دۈمبىسىدىن «قەشقەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى» دېگەن خىتايچە خەتنى بايقىغىلى بولىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە تۈركۈملەپ يۆتكەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە سىن كۆرۈنۈشلۈك دەلىل-ئىسپات ئىكەن. رادىيومىز ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان كۆپ قېتىملار ئېنىقلاش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ، شەندوڭ، شەنشى، گەنسۇ، خېنەن ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەتتا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئايلارچە مۇددەت بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىغا بېلەت سېتىشنى توختاتقانلىقى، بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.