رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىشقا ئەگىشىپ، بۇ خىل «زامانىۋى تاجاۋۇزچىلىق» قىلمىشى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. مارىيلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جون شورت (John Rennie Short) بولسا بۇ ھادىسىلەرنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇشى بىلەن باغلىغان ھالدا بۇنىڭ دۇنيا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدىكى ئاھالە كۆچۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم رايوننى ئۈزېل-كېسىل مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇشتەك «نوپۇس مۇستەملىكىچىلىكى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
پروفېسسور جوننىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تىپلىرى بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، دۇنيا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىغا ئومۇمىي نەزەر سالغان ھالدا بۇنىڭدا بەكرەك ئومۇملاشقان ئىككى خىل شەكىلنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. بىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىدەك «بايلىق توپلاش مۇستەملىكىچىلىكى» بولۇپ، بۇنىڭدا مۇستەملىكىچىلەر مۇستەملىكە رايونىنى كونترول قىلىش ھەمدە ئۇنىڭدىن بايلىق شىلىۋېلىشنى ئاخىرقى مەقسەد قىلىدۇ. بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسىمۇ دەل شۇنداق قىلىپ، ھىندىستاندىن يۇلۇۋالغان بايلىق ئارقىلىق بىرىتانىيە تەۋەسىدىكى «سانائەت ئىنقىلابى» نىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. يەنە بىرى، مۇستەملىكىچى ئىمپېېرىيەلەر مۇستەملىكە قىلىنغان تېرىتورىيەگە زور كۆلەمدە نوپۇس يۆتكەش ئارقىلىق بۇ يېڭى رايوندا ۋەھشىيلەرچە ئىجرا قىلىنغان ئېتنىك تازىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يەرلىك خەلققە مەنسۇپ بولغان ھاياتلىق ماكانى بولسا ئىمپېرىيەنىڭ ھاميي بولۇشى بىلەن يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇ جەھەتتە مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ياۋروپا سەيياھلىرى ۋە ئالىملىرى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىغان زېمىنغا خىتاي كۆچۈرۈشى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا رۇس كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئۇكرائىنادا رۇس نوپۇسى ئاز دېگەندىمۇ پۈتكۈل نوپۇسنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ بولغان.
بۇ خىل «نوپۇس مۇستەملىكچىلىكى» ھەققىدە سۆز بولغاندا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باشقىچە ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.
«چىڭ ئىمپېرىيەسى بۇ رايوننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بايلىق شۈلۈش مۇستەملىكىچىلىكى ياكى نوپۇس مۇستەملىكىچىلىكىنى ئىجرا قىلىشقا قادىر بولالمىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ رايوننى دەسلەپ ئىشغال قىلغان 1759-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئۆزلىرى ئىشەنگەن يەرلىك بەگلەرگە ھاۋالە قىلىپ، شۇلار ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئىمپېرىيە تەۋەسىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. يەنە كېلىپ خىتاي تەۋەسىدىن زور ساندا ئاھالە كۆچۈرۈش دەماللىققا مۇمكىن بولمىدى. شۇڭا بۇ مەزگىلدە بۇ رايون ئاساسىي جەھەتتىن چىڭ ئىمپېرىيەسى بىلەن غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قالقان رولىنى ئوينىدى. ئەمما 1864-يىلىدىكى يەرلىك تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسيانى نەتىجىسىدە ياقۇب بەگنىڭ بۇ جايدا دۆلەت قۇرۇشى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇ رايوننى كونترول قىلىشىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئاجىزلىقلارنى ئاشكارىلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ ئىمپېرىيەسى 1878-يىلى ياقۇب بەگنى مەغلۇپ قىلىپ، 1884-يىلىغا كەلگەندە بۇ رايوندا ‹شىنجاڭ ئۆلكىسى› نى تەسىس قىلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، خىتاي بۇ رايوننى قالقان ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھالبۇكى، چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ 1911-يىلىدىكى ھالاكىتى ھەمدە خىتايدا ئەۋج ئالغان ئىچكىي ئۇرۇش تۈپەيلىدىن شىنجاڭغا زور ساندا خىتاي كۆچۈرۈش ئاساسەن ئىشقا ئاشمىدى.»
پروفېسسور جوننىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا چار روسىيە ئۇكرائىناغا زور ساندا رۇس كۆچمەنلىرىنى يۆتكىگەندەك ئۇيغۇر دىيارىغا نوپۇس يۆتكەشنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋاقىتتىلا باشلىۋەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانى بىر جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىققان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى 1955-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى بىر ئاپتونومىيەلىك بىرلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئەنە شۇ تەرىقىدە ھۆكۈمەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن خىتاي نوپۇسى ئۇيغۇر دىيارىغا قاراپ كەلكۈندەك ئاققان ھەمدە تېزلا بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلق بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنى ئەمدىلىكتە «زور تەھدىت» دەپ قاراشقا يۈزلەنگەن. ئاندىن بۇ تەھدىتنى يوقىتىش ئۈچۈن لاگېر سىستېمىسىنى ئومۇمىييۈزلۈك يولغا قويغان. دۇنيا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدا بەك كۆپ مىساللىرى تېپىلىدىغان بىر ھادىسە مۇستەملىكە قىلىنغان رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېلىپ مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىسىدىكى مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا يېڭى تارىخ ئۆگىتىش بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا بۇ ھال كۆپلەپ سىناق قىلىنماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور مايكىل كلارك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «نوپۇس مۇستەملىكىچىلىكى» نىڭ يېڭىچە شەكىلدە ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىدا رول ئوينىغان بىر نەچچە ئامىل ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ.
«شىنجاڭنى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 1949-يىلى ‹تىنچلىق بىلەن ئازات قىلغان› دىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى بۇ رايوننى قانداق قىلغاندا مۇستەملىكىچىلىككە ئوخشاپ قالمايدىغان شەكىلدە تولۇق كونترول قىلىشنى جىددىي ئويلاشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ رايوندىكى خىتاي بولمىغان 12 مىللەتنى تولۇق ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۇلارغا ئاپتونومىيە قۇرۇپ بېرىش، بۇ ئاپتونومىيەلەرگە خىتاي كومپارتىيەسى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىش ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى كونتروللۇق ھەمدە زور ساندا نوپۇس كۆچۈرۈش تولۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رايوندىكى ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات› قا خىتاي ھۆكۈمىتى قوماندانلىق قىلدى. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىق ئارقىلىق شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش› نامىدا ئىش كۆردى. ئەمما ئەمىلىيەت بۇ ‹تەرەققىيات› تىن بەھرىمەن بولغۇچىلارنى مەلۇم دائىرىدە چەكلەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن رايون مىقياسىدىكى مەسىلىلەر بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى شەكلىدە ‹ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش› ئەندىزىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھازىر ھەممىلا يەرگە ئومۇملاشتى.»
پروفېسسور جون ئۇكرائىنا بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى ئەنە شۇ يوسۇندا سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، «بۇ پەقەت تارىخلا ئەمەس. تەڭسىزلىك، ۋەھشىيانە مۇئامىلە ۋە كۆچمەن خەلقنىڭ يەرلىك خەلققە زۇلۇم سېلىشى ماھىيەتتە شىنجاڭ بىلەن ئۇكرائىنادا ئوخشاش شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ،» دەيدۇ.