جىرى ئوبېرفالزېر بىلەن سۆھبەت: «ئۇيغۇرلار ئۈمىدنى يوقاتماسلىقى لازىم!»
2024.11.20
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە سايە تاشلاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ياۋروپا بازىرى زور دەرىجىدە خىتايغا تايىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كۈچلۈكرەك بىرەر قەدەم ئېلىشى زور ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا چېخ جۇمھۇرىيىتى كېڭەش (يۇقىرى) پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىرى ئوبېرفالزېر (Jiøí Oberfalzer) بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا مىقياسىدا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقاندا، كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرى جەزمەن «ئىسسىقىدا خىتايدىن يىراقلىشىشى» لازىم. بۇ ھال ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مەنپەئەتلىك ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالغۇسى.
مۇخبىر: زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! ئالدى بىلەن سورايدىغىنىم، بۈگۈنكى پائالىيەتتە سىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھەققىدە كۈچلۈك تەشەببۇستا بولدىڭىز. نېمىشقا؟
جىرى ئوبېرفالزېر: بىز چوقۇم مەسىلىگە ئۇنىڭ باش نۇقتىسىدىن قارىشىمىز كېرەك. يەنى بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق تاۋارلىرىنىڭ غەرب سودىگەرلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشىدۇر. ئۇلار غەرب ئەللىرىدە ئىشلەپچىقىرىشقا قارىغاندا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلسا ئەرزانغا توختايدىغان خىتاينىڭ تۆۋەن باھالىق ماللىرىنى كەڭ-كۆلەملىك ئىمپورت قىلىشنى تاللىۋالدى. خىتاينىڭ بۇنداق چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى قۇۋۋىتىنى ئاشۇردى. ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىمىزنى يېتەرلىك قامدىيالمايدىغانلىغىمىزنىمۇ كۆرۈپ يەتتۇق. بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرالمايمىز، چۈنكى بىز ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ئادەتلەنمىگەن. بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز شۇكى، تاشقى سودا تەڭپۇڭلۇقىدا ۋەزىيەت خىتايغا پايدىلىق. خىتاي دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە، بولۇپمۇ غەربى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىپ نەچچە يۈز مىليارد دوللار پۇل تېپىپ، بۇ پۇللارنى ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئىشلەتمەكتە. ئۇلار تەبىئىي بايلىقلارنى، خام ئەشيالارنى، دېڭىز پورتلىرىنى، بەزىدە ھەتتا ئادەملەرنىمۇ سېتىۋىلىشماقتا. پۇل ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلار ئۆز تەسىرىنى غەرب دۇنياسىدا، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا، پارلامېنتلاردا، ھەتتا ژۇرنالىستلار ئارىسىدىمۇ كېڭەيمەكتە. ئۇلار سودا ئارقىلىق تاپقان پۇللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئەڭ ئاخىرى بۇ دۇنيانى كونترول قىلىشتۇر. مەن ئۇلارنىڭ پەيدىنپەي شۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرىمەن. دەل شۇ ۋەجىدىن بىز بۇلارنىڭ كەينىدە نېمىلەر بارلىقىنى ياكى قانداق مەقسەت بارلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ھەم توختىتىشىمىز كېرەك. دېمەكچىمەنكى، بىز ئەجدىھانىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنى توختىتىشىمىز كېرەك. بۇ مېنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشىمدىكى ئاددى سەۋەبتۇر.
مۇخبىر: چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ياۋروپادىكى بەزى مەملىكەتلەر، مەسىلەن، ۋېنگىرىيە رەھبەرلىرى خىتاينىڭ رەھبەرلىرىگە بەكلا چوقۇنىدۇ. گېرمانىيەگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا قىلىش ۋە تىجارەتلىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچەۋاتىدۇ. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئالاقىسىنى قايتىدىن تەڭشەش ئۈچۈن بېيجىڭغا ئەۋەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا، سىزنىڭچە يېقىن كەلگۈسىدە ياۋروپانىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟
جىرى ئوبېرفالزېر: مەن بۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. لېكىن بۇ چوقۇم بولۇشى كېرەك، يەنى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىمىز كېرەك، بولمىسا بىز پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ تەسىر كۈچى ئاستىدا يەنجىلىمىز. ئۇلار بىزنىڭ خوجايىنىمىزغا ئايلىنىپ بىزگە بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان، بىز ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز. مۇنازىرە جەريانىدا غەرب دۇنياسىدىمۇ بىر نەچچە گۇرۇپپىنىڭ بارلىقى بىر نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىندى. يەنى نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىقىپ ئۇلاردىن پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدىغان سىياسىيونلارنىڭ بارلىقى ئايدىڭلاشتى. مەسىلەن، ئۇلار جامائەتنىڭ ئۆزلىرىنى قوللىشىنى ئىستەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار جامائەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەر سودا-كارخانىچىلار بولۇپ، بىزنىڭكىدەك ئەركىن جەمئىيەتتە سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىنى توسۇشىمىز ھەمدە ئۇلارنى ئىدراكلىق ھەرىكەت قىلدۇرۇشىمىز قىيىنغا توختايدۇ. لېكىن بىز بۇلارغا بىر ئامال تېپىشىمىز كېرەك. بىلىشىمچە، ئامېرىكادا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى چەكلەش قانۇنى ماقۇللاندى. مېنىڭچە، بىزمۇ مۇشۇ يولنى تۇتۇشىمىز كېرەك.
مۇخبىر: سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» مۇ؟
جىرى ئوبېرفالزېر: شۇنداق، مەجبۇرىي ئەمگەك خىتاينىڭ ئەرزان تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە زىيانلىق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ بولغان قىلمىشتۇر.
مۇخبىر: يېقىندىن بۇيان بىز چېخ جۇمھۇرىيىتى سىياسىيونلىرىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزچىللىقى كۈچلۈك. نۇرغۇن دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئوتتۇرا ھال بولۇشىغا قارىماي، مۇشۇنداق مەيدان تۇتۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. شۇڭا كىشىنىڭ مۇنۇ سوئالنى سورىغۇسى كېلىدۇ، يەنى چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى سىياسىيونلار ۋە خەلقىدىكى بۇ جاسارەتنىڭ كېلىش مەنبەسى نېمىدۇر؟
جىرى ئوبېرفالزېر: مەن بۇ خىل ھالەتنى ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ، دەپ ئېيتالمايمەن، چۈنكى سىياسەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئوخشىمىغان سىياسىي ئورگانلار ئوخشىمىغان ۋاقىتتا دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ. بىراق نۆۋەتتىكى سىياسىي سەھنىمىزدە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە گەۋدىلىك، بىز بۇ جەھەتتە تەلەيلىك دەپ ئويلايمەن. چېخ جۇمھۇرىيىتى خەلقىمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتىدىن كىيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۆز ھاياتىنىڭ كېرىملىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قانداق بولغانلىقىنى ئەسلىرىدىن چىقىرىشقىنى يوق. شۇڭا تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىش ياكى ئۇلارنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلىنىپ قېلىش ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۇرىدىغان ئىشتۇر. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، بىزنىڭ تۇنجى قېتىم دېموكراتىك يوسۇندا سايلانغان رەھبىرىمىزنىڭ ۋاسلاۋ خاۋېل (Václav Havel) بولۇشى، بىزنىڭ تەلىيىمىزدۇر. ھۆرلۈك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى ئېزىلىۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۇنىڭ سىياسىي مەيدانى بولغان.
مۇخبىر: رەھمەت. ئۇيغۇر خەلقى ۋاسلاۋ خاۋېلنى سۆيىدۇ. ئۇنىڭ ئىرادىسى، ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە جاسارىتىگە قايىل. سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت. نۆۋەتتە دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە بېرىلگەن دىققەتنى بۇنىڭدىن بەش يىل ئاۋۋالقى ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرساق، بۇ دىققەتنىڭ سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. يەنە كېلىپ نۇرغۇن سىياسىيونلار، كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېخى توختىغىنى يوق، دېيىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ مەسىلىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشنىڭ بىرەر ئۇسۇلى بارمۇ؟ مەسىلەن، ياۋروپا پارلامېنتى بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەپ قارارنامە ماقۇللىغان. بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى يەنە مۇشۇنداقراق مەزمۇندا بىر قارارنامە ماقۇللىدى. بىز ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغىنىنى كۆرمىدۇق. سىزنىڭچە، بۇ مەسىلىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولامدۇ؟
جىرى ئوبېرفالزېر: بۇ مەسىلە يەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى تونۇشنى قانداق ئۆستۈرۈش ۋە بۇ كۈرەشنىڭ قەدىمىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسى بۈگۈنكى مۇنازىرىدىكى مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى بولدى. مەن ئاممىۋى مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى ئەمەس، شۇڭا ئاممىۋى ئالاقە ۋە داڭلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە بەك كۆپ چۈشەنچەم يوق. لېكىن يۇقىرىدىكى مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ۋاسىتىنى قارشى ئالىمىز. قانداقلا بولمىسۇن، بىز غەرب ئەللىرى ئارىسىدىكى بىرلىكنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق بىز يالغۇز قالىمىز. گەرچە بۈگۈنكىدەك يىغىنلاردا بىر يەرگە كەلگىنىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پارلامېنتلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر ھەمكارلىق يوق. سىز تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىڭىزدەك، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى قارارلارنى چىقارغاندىمۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ پىيىزى پىشمايدىغان ئىشلارمۇ بولغان. مەن ھەقىقەتەن بىراۋلارنىڭ بىر يەرگە كېلىپ ئىش قىلىش ھەمدە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭ سېپىگە قېتىلىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ ھەقىقەتەن قىزىقارلىق بىر ئىش، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ بىر خىل ئۆزىنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى دۆلەت ئىچىدىكى بازاردا ئوخشىمىغان ساھەلەر مەۋجۇت، بۇلارنىڭ ئىچىدە تاشقى سودا مەسىلىسى ئىنتايىن ئۈنۈملۈكتۇر. ھازىرقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى سودىدىكى ئورنىنى ھەم ئۇنىڭدىن كىرىدىغان كىرىمنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ خىل ھالەت خىتاينى نۆۋەتتىكى يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدۇ.
مۇخبىر: ئاخىرىدا شۇنى سورىۋالسام، بىز سۆھبىتىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىنى، ئەمما ئۇنىڭغا قارىتىلغان دىققەتنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتۇق. خىتاي ھازىر بارلىق ۋاسىتىلەردىن، جۈملىدىن ئاخبارات ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاغزىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى قاباھەتلىك رېئاللىق ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە سىزنىڭ دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
جىرى ئوبېرفالزېر: ئۈمىدنى يوقاتماڭلار. 1989-يىلى 19-نويابىردىن كەم دېگەندە ئۈچ ھەپتە بۇرۇن، چېخ جۇمھۇرىيىتىمىزدە سىياسىي ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قارىتا ھېچقانداق ئىشەنچىمىز يوق ئىدى. لېكىن ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن بىز غايەت زور ئۆزگىرىشكە شاھىت بولدۇق. ئەلۋەتتە، ئۇ چاغدا بەزى خەلقئارا مۇھىتنىڭ تەسىرى بار ئىدى. ئىشلار ئۆز ئەينەن تەكرارلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئادالەتسىزلىك مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، بەزىدە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۈمىدنى يوقاتماڭلار. چۈنكى ئىنسان ئىرادىسى يېڭىلمەستۇر.
مۇخبىر: رەھمەت قىممەتلىك سۆزلىرىڭىزگە، رەھمەت قىممەتلىك ۋاقتىڭىزغا!