ئۇيغۇر ۋەكىللىرى مەككىدە ئۆتكۈزۈلگەن «قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا يىغىنغا قاتناشتى

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە-مۇكەررەم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىڭغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زاتلار پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشنى توختىتىشقا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇچرىشىش دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 27‏-ماي كۈنى باشلانغان «قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا يۈز بەرگەن. 4 كۈنلۈك مەزكۇر يىغىننىڭ نېگىزلىك مۇھاكىمە تېمىسى‏-قانداق قىلىپ فىكىھ ۋە ئىسلام ئەنئەنىلىرىدە رادىكاللىق ۋە زوراۋانلىقتىن خالى ئوتتۇراھال مۇسۇلمان جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش بولۇپ، يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللا شەھيارى باشچىلىقىدىكى تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇرۇشلۇق 6 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زات تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرى پىر نۇرۇل ھەق قادرى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلىقى، ئىچكى قىسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەرىپىنى قىلىدىغانلىقى، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي مەسىلىلەردە «بۇنىڭ ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە» ئىكەنلىكى ۋە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پاكىستان تاراتقۇلىرى پىر نۇرۇل ھەق قادىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، لېكىن ئارقىدىنلا پىر نۇرۇل ھەق قادرى خىتاي ئەلچىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى رەت قىلغان ئىدى.

«قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق مەزكۇر خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى نوقۇل دىنىي مەسىلىلەرنى تېما قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇلار يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ئەل دىنىي زاتلىرىغا، تەتقىقاتچى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي زات، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئابدۇسالام ئالىم 28‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرى پىر نۇرۇل ھەق قادرى بىلەن بولغان سۆھبىتىنى تونۇشتۇردى. ئابدۇسالام ئالىم مۇنداق دېدى: «پاكىستاننىڭ دىنىي ئىشلار مىنىستىرى كەپتىكەن. ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ ئادەمگە دېسەك، ئۇ سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى بىز بىلىمىز. ئىچكى جەھەتتە سىلەر تەرەپتە تۇرىمىز. ئەمما خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي مەسىلىمىزدە بىز بۇنىڭغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. بۇ ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە، بۇنىڭغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتمىساق بولمايدۇ. بىزنىڭ نۇرغۇن ئەھۋالىمىز بار، قولىمىز باغلاقلىق، دېگەندەك ئۆزىنىڭ ئۆزرىسىنى بايان قىلغان بولدى. بىزمۇ ئېيتتۇق، بىز سىزگە قوشنا، شۇنداق بولغاچقا سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە مەجبۇرىيىتىڭلار ئېغىرراق بولىدۇ. سىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. دېمىسەكمۇ سىلەر ياخشى بىلىسىلەر ئەھۋالنى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز، سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى ئەتە دېسەكمۇ بولىدۇ، دېگەن ئەھۋالدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. ئەھۋالىمىز بەك خەتەرلىك دېدۇق. بېشىنى لىڭشىتىپ شۇنداق، شۇنداق، دەپ تۇردى. ئاللا ئاسانلىق بەرسۇن ئىشلىرىڭلارغا دەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەنمۇ ئايرىم پاراڭلاشقان بولدۇق. ئۇلار دەيدۇ، بىز چۈشىنىمىز ئەھۋالىڭلارنى، ئەمما ئەھۋالىمىز بۇ، دەپ يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلدى. . . . . . . . . . . . . .»

لېكىن، ئابدۇسالام ئالىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار يىغىندا پاكىستاندەك دۆلەتلەرگە قارىغاندا يىغىنغا قاتناشقان غەربتىكى مۇسۇلمان دىنىي جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بەكرەك ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن. ئابدۇسالام ئالىم ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزگە بەرگەن تەسىرى نېمە دېسەك، شەخسەن مەن ئۆزۈمگە نىسبەتەن بۇلار بىلەن قىلغان گەپ سۆزلەر بەك كۆڭۈلنى رازى قىلمايدۇ، راست گەپنى قىلسام. كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلىدىغان باشقا دۆلەتلەرنى ئالساق، ئۇلار ھېچ بولمىسا، ۋاي سىلەرگە زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا چىدىمايۋاتىمىز، دەيدۇ. غەربتىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، شەخسىي كەلگەن ئاممىۋى جەمئىيەتلەر بار، مەسىلەن، ئەنگلىيەدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىدىن كەلگەنلەر بار. مەسىلەن، لىتۋانىيە، ئېستونىيەنىڭ مۇپتىلىرى كېلىپتۇ. بۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق. بۇ شەخسلەر ھەقىقەتەن بىزگە ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى. . . . . . .»

مەككىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «قۇرئان ۋە سۈنەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بىردەك چەكلىگەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىردەك بۇ ئەھۋالغا كۆز يۇمۇپ ياكى سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو يېقىندا ئىراننى تەنقىدلەپ، ھامېينىنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى، دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

تۈركىيەدىكى ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام ئىقتىسادى پەنلىرى دوتسېنتى دوكتور بۇرھان سايتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتىكەن. نۆۋەتتە، ئاتاۋۇللا شەھيارى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ تەركىبىدە مەككىدىكى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بۇرھان سايت بۇ سۆزلەرنى 28‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىلدى.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» دە 27‏-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنى نوقۇل ئىقتىساد مەنپەئەتكە باغلاشنىڭ يېتەرلىك سەۋەب ئەمەس» لىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ «خىتاي مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا زۇلۇم سېلىۋاتقاندا سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال كاشىقچىنىڭ تۈركىيەدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبلىك ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن. بۇ ۋەقە سەۋەبلىك دۇنيادا يېتىم قالغان سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكتىكەن. ماقالىدە، شۇڭا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.