تيەنجىن سودا ئونۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىسى قەدىرداننىڭ «جىنايىتى» بېكىتىلىپ، قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021-01-11
Share
تيەنجىن سودا ئونۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىسى قەدىرداننىڭ «جىنايىتى» بېكىتىلىپ، قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى قاراماي ساقچى ئىدارىسىنىڭ تيەنجىن سودا ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قەدىرداننى قەدىرادان تۇداخۇننى تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقى.
Oqurmen teminligen

بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى تيەنجىن سودا ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى زىكرۇللا بىلەن قەدىرداننىڭ قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ قولىغا چۈشكەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارسىغا ئائىت بىر ئۇقتۇرۇش قەغىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىككى ئوقۇغۇچىدىن قەدىرداننىڭ ئاتالمىش «مىللىي ئۆچمەنلىكىكنى قوزغاش» ۋە «مىللىي كەمسىتىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 3 ئاينىڭ ئالدىدا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر يەتكۈزگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ باراغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، تيەنجىن سودا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زىكرۇللا بىلەن قەدىرداننىڭ قاراماي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئونىۋېرسىتېت خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. قارامايدىكى ساقچى خادىملىرى بولسا بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا تولىمۇ ئەنسىز پوزىتسىيە تۇتقان ۋە جاۋاپسىز قالدۇرغان ئىدى. بۈگۈن قاراماي شەھەرىك ج خ ئىدارىسىغا ئائىت بولغان بىر ئۇقتۇرۇشتا قەدىرداننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئۇقتۇرۇشتا مەزكۇر ئىدارىنىڭ قاراماي شەھەرلىك تەپتىش مەھكىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بويىچە، «مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاش» ۋە «مىللىي كەمسىتىش» جىنايىتى ئۆتكۈزگەن قەدىرادان تۇداخاننى2020 ‏-يىلى 10 ‏-ئاينىڭ16 ‏-كۈنى قولغا ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئىشلىگەن ئىككىنچى قېتىملىق پروگراممىمىزدا قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىملىرى ۋە تيەنجىن سودا ئونىۋېرسىتېتى مەمۇرىي خادىملىرى قەدىردان بىلەن زىكرۇللانىڭ ئۆتكەن يىلى7 ‏-ئاينىڭ1 ‏-ھەپتىسىدىن باشلاپ قارامايدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى. قاراماي ج خ ئىدارىسىنىڭ بۈگۈن قولىمىزغا چۈشكەن ئۇقتۇرۇشىدا قەدىردان تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئورۇن قاراماي شەھەرلىك قاماقخانا دەپ كۆرسىتىلگەن.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئۆز كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلار ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىلغان بولۇپ، بۇلاردىن بىرسى سوراق ۋە ئۆزىنى تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان ۋە ئەڭ دەسلەپتە ئاپىرىلىدىغان يىغىۋېلىش ئورنىدۇر. بەختىيار ئەپەندى قەدىرداننىڭ16 ‏-ئۆكتەبىر قولغا ئېلىنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەسلەپكى ئۈچ ئاينى خىتاي «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان دەسلەپكى يىغىۋېلىش ئورنىدا ئۆتكۈزگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

يەنە لاگېرلار يېڭى قۇرۇلغان2017 ‏-يىلدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ كورلا ۋە كۇچا قاتارلىق جايلىرىدىكى بىر قىسىم قاماقخانا، تۈرمە ۋە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئۆزئارا بىرلەشتۈرىۋېتىلگەنىلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا قەدىردان بىلەن زىكرۇللانىڭ قول تېلېفوندىن ئاتالمىش «چاتاق چىققان» لىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن قەدىرداننىڭ كونكىرېت قايسى قىلمىشىنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىك قوزغاش» دەپ قارالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەسلىدە قەدىردان بىلەن بىرلىكتە زىكرۇللا قاتارلىق يەنە بىرنەچچە ئوقۇغۇچى تەڭلا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ قەدىرداندىن باشقىلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تا ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا تيەنجىن سودا ئونىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن قەدىردان تۇداخۇننىڭ تۇتۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت