خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ نىشانىنى غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.03.24
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنىڭ نىشانىنى غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاراتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى سىياسىي ۋە قانۇن ساقچىلىرىنى زىيارەت قىلدى. 2022-يىلى 15-مارت.
news.ts.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر قايسى جەھەتلەردىن كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بېرىپ، بەش يىلدىن كېيىن ئۇزىنىڭ بۇ رايوندىكى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان مۇقىملىق سىياسىتىنىڭ نىشانىنى ئىقتىسادىي تەرەققىاتقا قارىتىشقا باشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇل ئەسلىھەرلەر قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مىقتاردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، رايوندىكى 12 دىن ئارتۇق شەھەردە يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشلىغان ياكى توختاپ قالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتە بەرگەن خەۋىرىدە، غايەت زور مىقتاردىكى بۇ ئۇل ئ‍ەسلىھەلەر پروگراممىسىنىڭ 4467 خىل قۇرۇلۇش تۈرىگە چېتىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا 1 تېرللىيون 750 مىليارد يۈەن، يەنى 275 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سوممىسى بىر مىليارد يۈەندىن 5 مىليارد يۈەنگىچە بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى 103، بەش مىليارد يۈەندىن كۆپ بولغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى 27 بولۇپ، 4467 خىل قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 55 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يەنى ئۇنىڭ رايوندىكى مۇقىملىقنى ئاساسىي نىشان قىلىشتىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئۆتۈشى، خىتاينىڭ 5 يىللىق باستۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭدىكى خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن بەزى غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ خىل قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پەردازلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز 23-مارت بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى: «خىتاي ئۇيغۇرغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان، ھەم ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرىۋاتقان ۋەھشىلىكلىرىنىڭ ئىسپاتلىنىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پەردازلاش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن يوشۇرۇن خەۋپ ھەم بىر مەسىلە.»

ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيەسىگە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، لاگىر، تۈرمىلەردىكى تۇتقۇنلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئادرىيان زېنز: «بەلكىم، مەزكۇر ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا بەزى مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بىراق مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەزىيىتىدىكىلەرگە پايدىلىق ئەمەس. ئەلۋەتتە، داۋاملىق لاگېر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلار تېخىمۇ ئىزتىراپ چېكىپ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارغا ئانچە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت خىتاينىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيەسىگە خىزمەت قىلىدۇ،» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ رايوندىكى مەزكۇر ئۇل ئەسلىھەرلەر قۇرۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئ‍ۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن بىر ۋاقىتتا باشلانغان. ۋاڭ ياڭ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە: «شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇ چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ياخشى سىياسەتتىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئاساسقا تايىنىپ، رايوننىڭ ئورنى ۋە مول بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشى كېرەك،» دېگەن. ۋاڭ ياڭنىڭ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باچېلېتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇپ ئارقىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان.

بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ ياڭنىڭ زىيارىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ رايوندا زور كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشلىشى، ئۇنىڭ رايوندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىكەن.

تۈركىيەدە تۇرۇشلىق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «ختاي ۋە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى، يەر شارى رىقابەت ئىستىراتېگىيەلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى مەمەت توختى ئاتاۋۇللاھ 23-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق رايوندا مۇقىملىققا ئېرىشتۇق» دەپ قارىغان خىتاينىڭ، ئەمدى نىشانىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى ئاتاۋۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە بۇ قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلىغان ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇمىييۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەركىتىگە خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇ، رايونغا سېلىنغان پۈتۈن مەبلەغلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىمۇ تەڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئاتالمىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، دەپ قارايدىغانلىقى، چېن چۈەنگونىڭ ئ‍ۆتكەن 5 يىل جەريانىدا بىخەتەرلىك ئاساسىنى تۇرغۇزغانلىقى، ئەمدى ما شىڭرۇينىڭ بۇ ئاساستا زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەل تۆلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، رايوندا قاتتىق باستۇرۇش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە قىسمەن يۇمشاش كۆرۈلسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجتىمائىي كونتروللىق ۋە ئاسسمىلاتسىيە داۋاملىشىدىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىياسەت خىتاينىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا يەنە بۇ كۈتكىنىمىزدەك رايوننىڭ يېڭى پارتىيە سېكرىتارىغا چىقىش يولى بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. رايوندىكى باستۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە جىددىي دەۋرى ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەن بەلكىم جەمئىيەتتە بىر ئاز يۇمشاشلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەلۋەتتە (خىتاينىڭ) مەۋجۇت سىياسىتى داۋاملىشىدۇ. بىراق بۇ كەڭ كۆلەملىك قاتتىق تۇتقۇن قىلىشتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجتىمائىي كونتروللىق، ئاسسىمىلايسىيە ۋە نۇپۇس كونتروللىقىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ ئۇل ئەسلىھەرلەر پروگراممىسىنىڭ كونكىرېت قايسى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ پىلانىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى جەنۇبتىكى رايونلارغا كېڭەيتىش، شەھەرلىشىشنى ئالغا سۈرۈپ، رايوننى پاختا توقۇمىچىلىق، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك، پىششىقلاپ ئىشلەش، يۇقۇرى تېخنىكالىق مەھسۇلاتلار بازىسى ۋە ساياھەت مەنزىلى قىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.