2010-يىلى 17 يېشىدىلا مالايسىياغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە چىققان يالقۇن ئۇلۇيول، 2013-يىلى تۈركىيە دۆلىتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا باكالاۋرلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ 2018-يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، داۋاملىق تىرىشىپ كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا. گەرچە ئۇنىڭ رادىيومىز ۋە باشقا تاراتقۇلارغا بېرىپ كېلىۋاتقان گۇۋاھلىقلىرىدىن، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ دادىىسى ۋە تاغىلىرى بولۇپ، قۇمۇل قارادۆۋە يېزىسىدىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق ئىدى.
يالقۇن ئۇلۇيول 28-ئاپرېل كۈنى تىۋىتتېرغا «بۈگۈن دادامنىڭ 55 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى. مەن ئۇنىڭ 16 يىل كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم» دەپ ئىنگلىزچە ئۇچۇر تارقاتقان.
2020-يىلى 8-ئايدا «ياقۇپ مەمەت» دېگەن ئىسىمدا رادىيومىزغا گۇۋاھلىق بەرگەن يالقۇن ياقۇپ ئۇلۇيول، ئەينى ۋاقىتتا 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى دادىسى مەمەت ياقۇپ بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى، بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن دادىسىنىڭ گۇاڭجۇدىكى بىر شېرىكىدىن دادىسىنىڭ گۇاڭجۇدىن تۇتۇلغانلىقىنى ھەمدە قۇمۇلدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

ھازىر تۈركىيە گىراژدانى بولغان يالقۇن ئۇلۇيول ئۆزىنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللىرى توغرۇلۇق ئېرىشكەن ۋە ئىگىلەپ بىلگەن ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«دادام ياقۇپ مەمەت 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇمۇل قارادۆۋىدە تۇغۇلغان. دادام 1990-يىلى يۇرتىمىز قارادۆۋىدىكى تۇنجى تۈركۈم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەن. كېيىن يەككە تىجارەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. 2018-يىلى 6-ئايدا دادامنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالماي كەلگەنىدىم، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇنىڭ 16 يىل كېسىلگەنلىكى ئېنىق بولدى، ئەمما قاچان، قەيەردە سوت ئېچىلغانلىقى ۋە نېمە جىنايەت ئارتىلغانلىقى يەنىلا نامەلۇم».
يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن 30 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ۋە تاغىلىرى بىرلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۇلۇغيول» نامىدىكى ئائىلە شىركىتىنى قۇرۇپ، «ئالتۇن قاپاق» ماركىسىدىكى قوغۇن ۋە مېۋە-چېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە خېلى گۈللەنگەنىكەن.
يالقۇن ئۇلۇيول: «بۇ شىركەت دادام ۋە تاغىلىرىمنىڭ باشقۇرۇشىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىشلەيدىغان 300 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى بار بىر بايراقدار مىللىي كارخانىغا ئايلانغان، شۇنداقلا يەنە بۇ ئائىلىدىكىلەر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە بولۇپ پەرزەنتلىرىنى ئامالىنىڭ بارىچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇشقا تىرىشىپ كەلگەن» دېدى.

يالقۇن ئۇلۇيول ئائىلىسىنىڭ سودىدا روناق تاپقاندىن باشقا ئىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىپ كەلگەنلىكىدەك سەۋەبلەر بىلەن كۆزىتىش ئاستىدىكى بىر ئائىلە بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە دادىسىدىن باشقا 2017-يىلى 7-ئايدا تۇتۇلغان تاغىسى ئەمەت ياقۇپ ھەققىدىمۇ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تاغام ئەمەت ياقۇپ 1963-يىلى تۇغۇلغان. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. دادام بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئائىلە شىركىتىدە مېۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. يېقىنقى كۈنلەردە ئىگە بولغان مەلۇماتقا قارىغاندا، تاغام ئەمەت ياقۇپ مۇددەتسىز كېسىلگەن».
يالقۇن ئۇلۇيول يەنە نەۋرە ئاكىسى ئىسكەندەر ياقۇپنىڭ پالەچ ھالەتتە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر نەۋرە ئاكام ئىسكەندەر ياقۇپ 1972-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. بۇ ئاكامنىمۇ 2017-يىلى 8-ئايدا تۇتۇپ كەتكەنىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسكەندەر ئاكامنىڭ لاگېردىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغاندىن كېيىن پالەچ بولغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، كېيىن خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدىن ئۇنىڭ مېيىپ ھارۋىسىدا ئولتۇرغان بىر رەسىمىنى كۆردۆم. ئىسكەندەر ئاكام بەكمۇ ساغلام ئىدى. ئۇ قۇمۇلدا ‹پالۋان› ئاتالغان چېلىش چېمپىيونى ئىدى، يېقىندا خىتاينىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتىكى شۇ پالەچ ئاكامنىمۇ قايتىدىن تۈرمىگە ئېلىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. ئۇمۇ كېسىلگەن ئەمما قانچە يىل كېسىلگەنلىكىنى بىلمەيمەن».
يالقۇن ئۇلۇيول يەنە ھاممىسىنىڭ يولدىشى ياقۇپ شەرول ئەپەندىنىڭ 15 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ ھاممامنىڭ يولدىشى ياقۇپ شەرول 1951-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇمۇل قارادۆۋە يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۆزى دېھقان. 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ، 15 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادىكى مۇھىم سىياسىي مەسىلىلەر سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار خەلقئارالىق دوكلات ۋە تەتقىقاتلارمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. 2022-يىلى دېكابىردا ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاۋزا مۇفىي رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلان قىلغان پۈتكۈل يەرشارىدىكى ماشىنا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دوكلات شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن.
دوكتور ئاسپىرانت يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى بولسا، پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلانغان مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى. دېمەك ئۇ بىر تەرەپتىن ئائىلىسىگە كەلگەن زۇلۇمنى ئېغىر يوقىتىش ئازابىنى يېڭىپلا قالماي، بىر ياقتىن ئائىلىسى ئۇچرىغان زۇلۇم توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىپ دۇنياغا ئاڭلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن زېھنى ۋە ۋاقتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دوكلاتلاشتۇرۇش ۋە پاش قىلىشتا ئىزچىل ۋە بەلگىلىك رول ئويناۋاتقان ساناقلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

يالقۇن ئۇلۇيول ئايالى ۋە بىر قىزى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بولۇپ، 2017-يىلىدىن ئىلگىرى تۈركىيەگە كەلگەن ئاپىسى ۋە سىڭلىسى ھەم يەنە بىر قانچە نەۋرە تۇغقانلىرىمۇ ھازىر تۈركىيەدە ياشىماقتا ئىكەن.
ئۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيانى ئۆزىگە باغلىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئىنسان ھوقۇقى ساھەسى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچ چىقىرىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.