جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى: «سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ خۇداغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىلەرگە سولىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.06.02
جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى: «سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ خۇداغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىلەرگە سولىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار!» گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىر ئاننالېنا بايېربوك(Annalena Baerbock) خانىم نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 17-ماي، بېرلىن.
AP

ZDF تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئاددىي تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، گېرمانىيەدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە زۇلۇم ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ ھالىنى بىلدۈرمەكتە.

گېرمانىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ZDF، يەنى «جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» 30-ماي كۈنى «خىتايدىكى باستۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق بىر پروگرامما تارقاتتى. ياش-ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلاپ ئىشلەنگەن بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 11 مىليون نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكى، زېمىنىنىڭ خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىغا جايلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى، تىلىنىڭ تۈرك تىلىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئاددىي ئىبارىلەر بىلەن بايان قىلىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ھازىر يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قاتتىق قېيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقى لاگېرلار ھەم تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

فىلىم مۇنداق جۈملىلەر بىلەن باشلانغان: «ھازىرغا قەدەر ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە سۈرەتلەر خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ، ئېچىنىشلىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك ئويلىمىغان ۋە ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغانغا ئىشەنمىگەن. سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ پەقەت خۇداغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا تۈرمىىلەرگە قامىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. بىزگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھادىسە، ئەمما خىتايدىكى ئۇيغۇرلار كوللېكتىپى دەل مۇشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە.»

فىلىمدا «لاگېردا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: «بىرقانچە يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي قامىلىپ ئازاپ-ئوقۇبەت تارتىۋاتقان لاگېرلار توغرىسىدا گۇمانلاردا بولۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق ھازىر بۇنى ئىسپاتلايدىغان مەخپىي ھۆججەتلەر ۋە سۈرەتلەر ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن تەربىيە قوبۇل قىلىپ، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئايان بولدى. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئەمدى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشى، خىتايلارغا ئوخشاش ياشىشى لازىم. مۇخبىرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەخپىي ھۆججەتلەرنى ھەم سۈرەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بۇلارنىڭ راستلىقىنى بېكىتتى.»

جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان ئوننەچچە ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولۇپ، «خىتايدىكى باستۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق بۇ بالىلار پروگراممىسى ئارقىلىق، ئۇلار پۈتۈن گېرمانىيە جامائىتىگە «خىتايدا جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى راست، ئۇنىڭغا يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقى راست، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى راست!» دېگەننى ئوچۇقچە بىلدۈرمەكچى بولغاندەك قىلاتتى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ھەقىقەتەنمۇ 21-ئەسىردە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا شۈبھە بىلەن قارايدىغان نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ گۇمانىنى يەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خۇددى ئۇكرائىناغا ياردەم بەرگەنگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارغا ياردەمدە بولۇپ، خىتاي زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر سەۋەبلىك گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئىنكاسىنىڭمۇ خېلىلا كەسكىن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟» دېگەن سوئالغا فىلىمدا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بۇ يەر ئۇيغۇرلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ› دەيدۇ. ئاندىن بۇ مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدا زوراۋانلىققا ۋە تېررورىزىمغا زەربە بېرىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىرقانچە 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ رايونىدا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ خىل تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىنسانلارمۇ بار. بىراق تەنقىدچىلەر ‹خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۇجۇملارنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرماقتا ۋە خورلىماقتا› دەپ قارايدۇ.»

فىلىمدا «خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇپ تۇرۇپ ئىدارە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇيغۇرلار لاگېرلادا ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەسلىكى، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا ئىشىنىشى لازىم. ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا ئىشىنىشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر سەن لاگېردا بىر يىل تۇرۇپمۇ بۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىڭنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسەڭ، ئۇ ھالدا تۈرمىگە يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت يېتىپ كېتىشىڭ مۈمكىن.»

فىلىمنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇچۇرلار ۋە سۈرەتلەر دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالدى. ئۇلار گېرمانىيە كەبى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئۇيغۇرلارنى خورلاشنى توختىتىش توغرىسىدا خىتايغا ئېنىق، كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىشماقتا.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.