تۈركىيە قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئىشلىرى 1985-يىلىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن بۇ سان كۆپىيىشكە باشلانغان. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە 2080 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. 2017-يىلىدىن تارتىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئەمدى بولسا بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەققىدە شۇم خەۋەرلەر كېلىشكە باشلاندى.
ئىستانبۇلدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان نۇرئەلى ئىسمائىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئانىسىنى «تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇڭغا پۇل ئەۋەتتىڭ» دەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە 16 يېرىم يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتايدىن بىگۇناھ ئانىسىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم نۇرئەلى ئىسمائىل، مەن بۇ يىل 17 ياشقا كىردىم، 2014-يىلى 12-ئايدا ئانام بىلەن بىللە مىسىرغا ئوقۇغىلى چىققان. كېيىن ئانام مېنى ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن. 2017-يىلى 4-ئايدا مەن تۈركىيەگە كەلدىم. ھازىر تۈركىيە ئىستانبۇلدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن. ئانامنىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن 16 يېرىم يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى. ئانام بىگۇناھ، ئۇنى پەقەتلا مېنىڭ سەۋەبىمدىن، يەنىماڭا پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا كېسىۋېتىپتۇ.»
بىز نۇرئەلىدىن «ئۇنداقتا، سىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئانام بىگۇناھ، ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئانامنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
ئۇ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتىمىزدە ئانىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئانامنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ماھىرە نۇرمۇھەممەت، 1981-يىلى تۇغۇلغان، بۇ يىل 39 ياشتا. كىملىك نومۇرى: 650104198102141727، ئۆيىمىزنىڭ ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق كوچىسى تاڭنۇرى ئائىلىلىكلەر قورۇسى 6-بىنا، 302-نومۇرلۇق ئۆي. ئانام بۇرۇن دۆلەت كادىرى ئىدى، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، بالدۇر پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەن ئىدى.»
نۇرئەلى ئىسمائىل ئانىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئانىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئانامنى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيدىن تۇتۇپ ئاتۇشقا ئېلىپ كەتكەن. ئانامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ 20 كۈن بولغاندا ئانام توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدىم. ئانامغا 2019-يىلى 1-ئايدا ‹بالىسىنى چەتئەلدە ئوقۇتقان، چەتئەلگە پۇل ئەۋەتكەن› دەپ 16 يېرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىپتۇ. ئانامنىڭ يېنىدا 14 ياشلىق بىر ئۇكام بىلەن 3 ياشلىق بىر سىڭلىم بار. ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. بىزگە كەلگەن خەۋەردە 1 يېرىم يىلدىن بۇيان ئانامنى ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرمەپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئانامنى قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىمەن.»
بىز ماھىرە نۇرمۇھەممەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سىڭلىسى مەۋلۇدە نۇرمۇھەمەت خانىمغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ئاۋاز ئارقىلىق ئەمەس، يازما ئۇچۇر ئارقىلىق سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇچۇر يوللىدى. ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «بىز 4 قىز، مەن ئەڭ كىچىكى، تۇتۇلغىنى 2-ئاچام. قالغان ئىككى ئاچام بىلەن ئانام سالامەت، دادام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن. ئاچام ئالىي مەكتەپ ئوقۇغىلى ئۈرۈمچىگە چىقىپ مالىيە ۋە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سايباغ رايونىدا 15 يىل كادىر بولۇپ ئىشلىگەن. سالامەتلىكى ياخشى بولماي بالدۇر پېنسىيىگە چىقىپ كەتكەن، ھاياتىدا ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلغان ئەمەس. خىتاي بۇ قېتىم ئاچامنى ‹ئوغلۇڭنى تۈركىيەدە ئوقۇتتۇڭ› دەپلا كېسىۋېتىپتۇ.»
ماھىرە نۇرمۇھەممەتنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان دوستى مۇەسسەر خانىم دوستى ماھىرەنىڭ خىزمەتتە ئاكتىپ ئايال ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى 1987-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇپ كەتكەن ۋە بالىلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تۈرمىگە قامىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزى قانۇنلۇق پاسپورت بەرگەن ۋە چەتئەلگە چىقىشىنى تەستىقلىغان ئادەملەرنى جازالىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئوقۇپ تۈركىيە پۇقراسى بولغاندىن كېيىن تۇغقان يوقلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان بەزى ئۇيغۇرلارمۇ كېسىۋېتىلگەن. ھازىر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشمەكتە ئىكەن.
0:00 / 0:00