«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دۇنياسى» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى

0:00 / 0:00

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دۇنياسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب تارتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

«شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دۇنياسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى فرانسىيەلىك رىژىسسور سوفى لېپاۋلىت بىلەن ئاپتور رومايىن فرانكىلىن 2018-يىلى بىرلىكتە ئىشلىگەن بولۇپ، ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ فىلىم ئوخشاش نامدا قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. مەزكۇر فىلىمنى ئۆزگەرتىپ ئىشكەشكە ئەينى چاغدا يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن بېرىلمىگەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق مەسىلىسى، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ بەربات بولۇشى ۋە تەيۋەن يولۇقىۋاتقان ھەربىي تەھدىتتىن ئىبارەت 3 مۇھىم ئامىل ئاساسلىق سەۋەب بولغان.

13-ئىيۇل كۈنى فرانسىيەنىڭ پۈتۈن ياۋروپادا ئومۇملاشقان ARTE تېلېۋىزىيە قانىلى «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دۇنياسى» ناملىق 90 مىنۇتلۇق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئۆزگەرتىلگەن يېڭى نۇسخاسىنى 6 خىل تىلدا تارقاتقان. فىلىمدا شى جىنپىڭنىڭ تۇغۇلغان دەۋرىدىن تارتىپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققۇچە بولغان جەريانى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دېپلوماتىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، يازغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تەتقىقاتچىلار زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان. خىتاينىڭ بەزى ئۆكتىچى زىيالىلىرى ھەم شى جىنپىڭغا سادىق مىللەتچى تارىخچىلىرىمۇ پىكىر قاتناشتۇرغان. فىلىمدا ئۇيغۇرلاردىن مەركىزى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىمغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

فىلىمدا شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە «خىتاي چۈشى» نىڭ ماھىيىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، 2017-يىلى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە ئەسكەر چىقىرىپ، جىبۇتىدا ھەربىي بازا قۇرغانلىقى، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا سۈنئىي ھەربىي ئاراللارنى ياسىغانلىقى، پاكىستان، سىرىلانكا ۋە ئافرىقادىكى بەزى ئەللەرنى ئىقتىسادىي بويۇنتۇرۇق بىلەن بوغۇپ، بېقىندى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقى، ھەتتا قارا قولىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قەدەر ئۇزارتىپ ۋىنگېرىيە، گېرىتسىيە قاتارلىق ئەللەرنى تەسىرى ئاستىغا كىرگۈزگەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» نى يالغۇز دۇنياغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھاكىم بولۇش چۈشىلا ئەمەس، تېخىمۇ ئېنىقراقى سىياسىي، ھەربىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن خوجا بولۇش چۈشى، بەلكى دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى ئۆز مىللىتىنىڭ نوپۇسىغا لايىق رەۋىشتە قايتا سىزىپ چىقىش چۈشى، خىتاي مىللىتىنى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتەلەيدىغان خوجايىن مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش چۈشى ئىكەنلىكىنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىغان. شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى، خەلقنىڭ چۈشىدۇر» دېگەن ئۈزۈندىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنغان.

فىلىمدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئىپادە قىلىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ئاكتىپلىرىنى قاتتىق باستۇرغانلىقى ۋە قولغا ئالغانلىقى، ئىلگىرىكى ئەركىن خوڭكوڭدىن بۈگۈن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقى، ھەر بەش خوڭكوڭلۇقتىن بىرىنىڭ چەت ئەللەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى، خىتاينىڭ يەنە ھەربىي مانىۋېرلار ئارقىلىق تەيۋەنگە ئۈزلۈكسىز تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمدا «ئاۋۋال شىنجاڭنى تىزگىنلىدى، ئاندىن خوڭكوڭنى بوي سۇندۇردى، ئەمدى تەيۋەننى ئىشغال قىلماقچى» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان.

فىلىمدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بەلگىلىك سەھىپە ئاجرىتىلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، كۆزلىرى تېڭىلغان، قوللىرى ئارقىدىن باغلانغان، ئوخشاش مەھبۇسلۇق فورمىسى كىيگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن پويىزلارغا قاچىلىنىپ ئىچكىرى خىتايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەر قاتارىدا دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بايانلىرىغا يەر بېرىلگەن.

فرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان خانىم بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر فىلىمنىڭ فرانسىيە جامائىتى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فرانسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا ھازىرغا قەدەر ئاشكارا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ئەمما فرانسىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتاراپ قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ھازىر جىددىي تالاش-تارتىش ئىچىدە تۇرماقتا. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇشۇنداق بىر زاماندا ئېلان قىلىنىپ فرانسىيەدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ياخشى بىر ھادىسە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.