يېقىندا تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردە نىھاد جارىرى ئىسىملىك ئەرەب ژۇرنالىستنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قىلغان زىيارەتلىرى ئاساسىدىكى ۋىدىيوسى تارقالدى. بىز بۇ ۋىدىيوغا ئاساسەن نىھاد خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ بىزنىڭ زىيارەت تەلىپىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، رايوندا كۆرگەنلىرىنى بىز بىلەن ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىھاد جارىرى خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە زىيارەتتە بولغان.
نىھاد خانىمنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە ئوخشىمىغان ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن رايونغا بېرىپ، ئۆز كۆزى بىلەن بولۇۋاتقانلارنى كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىلغان ۋە ئۇ يەرگە مۇستەقىل ساياھەتچى سۈپىتىدە بېرىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەرگە بارغان. ئۇ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ رايونغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بىر كىشى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كىشىنىڭ كۆزىنى بويايدىغان تولىمۇ خەتەرلىك 24 سائەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى: ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن بىرىنچى كۈنۈم، يەنى دەسلەپكى 24 سائەت مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولدى. چۈنكى ئۈرۈمچىدە ھەممە نەرسە شۇنچىلىك نورمال كۆرۈنەتتى. پەقەت ئۈرۈمچىلا ئەمەس، قەشقەر ۋە تۇرپانمۇ شۇنداق. ھەممە نەرسە شۇنچىلىك نورمال ئىدى. كوچىلاردا ئادەملەر ئۇسۇل ئويناۋاتقان، ھەممە ئادەم شۇنچىلىك خۇشال ئىدى. يوللار ناھايىتى كەڭتاشا ۋە ئادەملەر تولىمۇ گۈزەل كىيىنىۋالغان بولۇپ، مەن خەۋەرلەردە كۆرگەن-ئاڭلىغان نەرسىلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. مەن ھەتتا ‹بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قالدىممۇ ياكى ماڭا ئاڭلىتىلغان نەرسىلەرنىڭ باشقىچە بىر تەرىپى بارمىدى› دەپ شۈبھىلەندىم. بىراق، 24 سائەتتىن كېيىن يەنى مەن قاچان كىشىلەردىن مەسچىتنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىغاندىن باشلاپ، ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. ھەقىقەت سۇ يۈزىگە چىقىشقا باشلىدى. مانا شۇندىلا مەن بۇ ئادەملەرنىڭ قانداق كۈن كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئۇلارنىڭ ئۈنسىز ھالدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم»
نىھاد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەردىن مەسچىتنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىشىغىلا ئۇلار شۇنداق جىددىيلىشىپ كېتىدىكەن. كىشىلەر ھەتتا مەسچىتنىڭ قەيەردىلىكىنى دەپ بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىكەن. بىر ئايال قول ئىشارىتى بىلەن ئۇنىڭغا: «بۇ يەردە مەسچىت يوق، ناماز قىلىشقا بولمايدۇ،» دېگەننى ئىپادە قىلغان. نىھاد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۆرگەن مەسچىتلەر بىر بولسا قۇرۇلۇش بولۇۋاتىدۇ، دەپ تاقاق بولىدىكەن ياكى بىر بولسا ناماز ۋاقتى ئەمەس، دەپ تاقاق بولىدىكەن. ئەمما ناماز ۋاقتى كەلگەندىمۇ مەسچىتلەر ئاران بىر قانچە مىنۇت ئوچۇق بولىدىكەن. ئۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا ھېچكىم مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەن. نىھاد خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«مېنى ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ مەسچىتلەرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قويۇلغان غايەت زور بىر ئۈسكۈنە بولدى. بۇ ماشىنىلار ياكى ئۈسكۈنىلەر ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. مەن بۇنداق ماشىنىلارنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە، ئايرودروملاردىمۇ كۆرۈپ باقمىغان. بۇ ماشىنىلار ئاۋۋال سىزنىڭ يۈزىڭىزنى رەسىمگە تارتىدىكەن، ئاندىن سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى كومپيۇتېر سىستېمىسىدىكى ئۇچۇرلىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، سىزنىڭ قانداق ئادەملىكىڭىزنى يەنى ئىچىگە كىرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىڭىزنى دەپ بېرىدىكەن. دەرۋازىدىكى ساقچىلار بۇ ماشىنا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن سىزنى كىرگۈزىدىكەن.»
نىھاد خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ۋە قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىگە كىرگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە بۇ مۇقەددەس ئورۇنغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىراق ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەقەللىي تەلىپىمۇ رەت قىلىنغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ۋە مېنىڭ دوستۇم ئىككىمىز مەسچىتكە كىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە مەسچىتكە ھۆرمەت ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيلى دېدۇق. دوستۇم مەسچىتتىكىلەردىن بىز بۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋالايلى، دەپ سورىدى. ئەمما ئۇلار گەپنى ئاڭلاپلا شۇنداق جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە بىزگە ‹بىز رۇخسەت بېرەلمەيمىز، ھەممە يەردە كامېرا بار›، دەپ كامېرالارنى ئىشارەت قىلدى. قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىدىمۇ ئوخشاش ئىش يۈز بەردى. ئۇلارمۇ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشىمىزغا رۇخسەت قىلمىدى. ناماز ئوقۇغانغا نېمە بولاتتى؟ راست گەپنى قىلسام، مەن بۇنىڭدىن بەك چۆچۈپ كەتتىم.»
نىھاد جارىرى خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىكاردىن-بىكار ئەتراپتا ئەنسىزلىك پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنى قورقۇتىدىغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ قەشقەردە قەدىمى شەھەر دەپ ياساپ قويۇلغان ساياھەت رايونىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا نۇرغۇن ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ توختىماي ياڭرىتىۋاتقان سىگنالىنى ئاڭلاپ، سىرتتا بىرەر ۋەقە چىققان بولسا يوللار توسۇلۇپ كېتىپ، ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ئۆتۈشۈپ بولالمايۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. ئەمما ئۇ سىرتقا چىققاندا ئويلىغانلىرىدىن ئەسەرمۇ يوقلىغىنى كۆرۈپ ھەيران بولغان. ئۇ ئەتراپتىكىلەردىن نېمە بولغانلىقى سورىغان. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا بۇنىڭ ساقچىلارنىڭ كۈندىلىك ئىشى ئىكەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ كۈندە بىر قانچە نۆۋەت مۇشۇنداق قىلىپ «رەزىل كۈچلەر» نى قورقۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. نىھاد خانىمنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر مۇھىم نەرسە بولسا ھېچكىمنىڭ رۇخسەت خېتى بولماي تۇرۇپ، بىر يەردىن بىر يەرگە بارالمايدىغانلىقى بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مېنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ئىش قەشقەر شەھىرىگە يېرىم سائەتمۇ كەلمەيدىغان كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۈز بەردى. مەن بىر ئۇيغۇر تەرجىمان بىلەن ئالاقىلەشكەن ئىدىم. ئۇ كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇرىدىكەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماقچى بولغاندا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ يەرلىك ئورۇنلاردىن رۇخسەت ئالالمىغاچقا قەشقەرگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ‹خالىسىڭىز سىز بۇ يەرگە كېلىڭ، مەن سىزگە ناھىيەرىمىزدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆرسىتەي›، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ يەرگە بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. ناھىيەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ھەممە ئادەم ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىكەن. مەن ئۇ يەردە خۇددى مەسچىتلەرنىڭ دەرۋازىسىغا قويۇلغانغا ئوخشاش يۈز سىكانىرلايدىغان يوغان ماشىنىلارنى كۆردۈم. مەن بىلەن بىللە ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قوللىرىدا بىر پارچە خەت بار ئىكەن، ئۇنى ساقچىغا كۆرسەتتى. ئاندىن ساقچىلار ئۇلارنى سىكانىرلاپ ئاندىن رۇخسەت قىلدى. ساقچىلار مېنىڭ بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى، كىم بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى بەك ئىنچىكىلەپ سورىدى. ئۇلار مېنىڭ كىرىشىمگە يول قويغاندىن كېيىن مەن يەنە تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاخىرى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا ئۇ بالا بىلەن ئۇچراشتىم. ئىككىمىز بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ تۇرۇشىمىزغا يەنى ئارىدىن بىر سائەت ئۆتمەي تۇرۇپلا 6 نەپەر ساقچى يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇ بالىنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ تەكشۈردى. ئىككىمىزنىڭ ئۈندىداردىكى يېزىشقان گەپلىرىمىزنى ئوقۇدى. بۇنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئۇلار مېنىڭ پاسپورتۇمنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مېنى قەشقەرگە قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارغا بۇ يەردىكى بىر ساياھەت رايونىنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتساممۇ، ئۇلار ئۇ يەرنىڭ تاقاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامالسىز ماقۇل بولدۇم. ئۇلار مېنى بىر تاكسىغا سېلىپ قويدى. ئەمما، مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، سىرتتىن تاكسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز ئۇنىڭ تاكسى ئەمەسلىكىنى بايقايسىز. ئۇنىڭدا تاكسىمېتىر يوق، كارتا سۈركەپ پۇل تۆلەيدىغان ئۈسكۈنە يوق، ياكى باشقا تاكسىلاردەك ئىچىدە كامېرامۇ يوق. چۈنكى ئۇ يەردە تاكسىلاردا ئاز دېگەندە 2-3 كامېرا بولىدىكەن. شوپۇرنىڭ كىملىكى ئېسىقلىق ئەمەس، شوپۇر ھەتتا ھېچقانداق تەكشۈرۈش بېكىتىدىمۇ توختىماي ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ مېنى مېھمانخانامغا ئەكېلىپ قويدى. مانا بۇ ۋەقەدىن كېيىن مەن پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۈستى ئوچۇق تۈرمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. چۈنكى ئۈرۈمچىدىكى تەرجىمانمۇ يول خېتى ئالالماي ئۈرۈمچىدىن چىقالمىغان ئىدى. مەن 3 ھەپتە جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىز بۇ يەردە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمىز. ئەمما بۇ يەردە مانا مۇشۇ لاگېرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىر تۈرمە بار ئىكەن ۋە ئۇ تۈرمىنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىكەن.»
يۇقىرىدا سىلەر ئەرەب ژۇرنالىست نىھاد جارىرى خانىمنىڭ رايوندىكى زىيارىتىدە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭلار، كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا زىيارەت ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.
0:00 / 0:00