21-ئەسىرنىڭ بېشىدا تارىخ ئاللىقاچان «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ بارغانسېرى مۇكەممەل سىستېما ئېلىۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار چېن چۈەنگونى ئەيىبلەش سادالىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن بەزى قاراشلار، جۈملىدىن «مەركەزنىڭ كۆپلىگەن سىياسەتلىرى ئەسلىدە بەك ياخشى تۈزۈلگەن، ئەمما بۇ سىياسەتلەر يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا باشقىچە ئىجرا بولۇپ، جىق بۇزۇلۇپ كېتىدۇ» دېگەندەك چۈشەنچىلەر بۇ قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنى بىۋاسىتە ھالدا چېن چۈەنگوغا باغلاپ قويۇشقا باشلىدى. بۇ پىكىر كېيىنچە بارغانسېرى كەڭ تارقىلىپ بىر قىسىم دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، جۈملىدىن «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» قاتارلىقلاردا «چېن چۈەنگو ھازىرقى لاگېر سىياسەتلىرىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى» دېگەندەك ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا چىقتى. 2020-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاگېرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بەرگەندىمۇ چېن چۈەنگو شۇلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇپ قالدى. ئەمما ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بوينىغا سېلىنغان بۇ زور سىرتماق شەكلىدىكى لاگېر سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي «باش ئىنژېنېرى» شى جىنپىڭ ئىكەنلىكى، بۇ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشتا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھالدا ئارقا تىرەك بولۇپ كەلگەنلىكىنى شەرھلەپ بەردى. دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى ئۆتكەن ھەپتە لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى» دا تۇنجى بولۇپ سىستېمىلىق شەرھلەندى.
بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ يازما نۇسخىسى بولسا «جېيمىس تاۋن فوندى» تورىدا 14-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يېڭى دوكلاتتا دوكتۇر ئادريان زېنز نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان لاگېر سىستېمىسى ھەققىدىكى «باش يوليورۇق» نىڭ ئەمەلىيەتتە 2014-يىلىلا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. شۇ يىلى ئۈرۈمچىگە خىزمەت تەكشۈرۈشكە بارغان شى جىنپىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنىدا «شىنجاڭ خىزمىتىدە تېررورلۇققا، سىڭىپ كىرىشكە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئومۇميۈزلۈك كۈرەش قىلىش لازىم» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. شۇنىڭدەك «ئىسلام ئاشقۇنلۇقى» نىڭ ۋىرۇسقا ئوخشايدىغانلىقى، ئەمما بۇنى يوقىتىشتا جەزمەن «ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئاغرىققا چىداپ داۋالاش» لازىملىقى، بۇ جەرياندا «قىلچىلىكمۇ رەھىمدىللىك قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئالاھىدە جېكىلىگەن. ئەنە شۇ كۆرسەتمىلەر ئاساسىدا قىسقا مەزگىللىك تەييارلىقتىن كېيىن 2016-يىلى چېن چۈەنگو تىبەتتىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەتتىكى زور تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسىنىڭ پەردىسى ئېچىلغان.
دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئېلان قىلغان «ش ئۇ ئا ر نىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» ۋە ئۇنىڭ 2018-يىلىدىكى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىزمەتكە بىۋاسىتە ئارىلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئالدىنقىسىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى قايتا تەربىيەلەش لازىم» دېگەن ماددىلار قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنغان بولسا، كېيىنكىىسىدە «تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەجبۇرىيەتكە ئايلاندۇرۇلغان». بولۇپمۇ بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرىكىنى تەشكىل قىلىدىغان يەتتە كىشىلىك دائىمىي كومىتېتى بىۋاسىتە ئارىلاشقان. يەنە كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، تەربىيەلەش مەركەزلىرى ئارقىلىق ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنى يوقىتىش خىزمىتىدە مۇھىم غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق» دېگەن مەزمۇندىكى كۆپ قېتىملىق بايانلىرىمۇ بۇنى دەلىللەيدىكەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان قانۇن-نىزاملار «يۈرۈش-تۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مەسىلە بار كىشىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى نورماللاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قانۇنلاشتۇرۇش» قا ھۈل سېلىپ بەرگەن. مۇشۇ قانۇن-نىزاملار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان. ئەنە شۇ يوسۇندا تۇتقۇننىڭ قانۇنىي ئاساسى يارىتىلغان، لاگېر سىستېمىسى بولسا بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ماكان بوشلۇقىنى پەيدا قىلغان. مانا مۇشۇ قانۇن-نىزاملارنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىغا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قول تىققانلىقى بولسا خىتاي مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ 2017-يىلى 11-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئېنىق ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇن-نىزاملار تۈزۈپ چىقىلغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە كەڭ كۆلۈمدە پىكىر ئېلىنغان. بۇ جەرياندىكى پىكىر ئېلىشقا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان «مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى»، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى، دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىقلار بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان.
«قانۇنچىلىق گېزىتى» دىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى چىن ۋېينىڭ بايانلىرى بولۇپ، ئۇ «ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى نىزام» نىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە يۇقىرىقى ئۈچ ئورۇندىن باشقا يەنە «شىنجاڭدىكى 20 نەچچە نازارەت ۋە ئىدارە بۇ نىزامنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىغا قاتناشتى» دېگەن. 2016-يىلى مايدا بۇ نىزامنى ئاخىرقى يوسۇندا قاراپ چىقىش خىزمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىدا تاماملانغاندا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش خىزمىتىگە زور دەرىجىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىزمەتنى مۇھىم قارار سۈپىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى» تەكىتلىگەن.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.