ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق غۇلجا خەلقىنىڭ ئىككى ئايغا يېقىنلاشقان كورۇنا يۇقۇمى قامالىدا ئاچلىق ۋە ساغلاملىق كرىزىسىغا دۇچار بولغانلىقىدەك پاجىئەلەر ئاشكارىلىنىپ زور ئىنكاس قوزغىدى.
يېقىنقى كۈنلەردە يەنە بۇ خىل قامالنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا قاتارلىق جايلاردىمۇ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھەمبەھىر ۋىدىيولىرىدىن قارىغاندا، يازلىق ۋە كۈزلۈك يىغىن پەيتىدە داۋام قىلغان بۇ قامالنىڭ، ياز ۋە كۈزلۈك يىغىن پەيتىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىنغان دېھقان، چارۋىچى ۋە تىجارەتچىلەرگە ئېغىر زىيان سالماقتىكەن.
تىك-توكتىن تارقىلىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە ھەمبەھىرلىنىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك سىنلىق ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە، چارۋىچىلار ئۆزلىرى ئاچ قالغاندىن سىرت مال-چارۋىلىرىغا يەم خەشەك يوق ئېغىر زىيان بولۇۋاتقانلىقى، تۇڭلاپ سۈتلەرنى سېتىپ چىقىرىشقا ئامال يوق تۆكۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، ئېتىزلاردا ئاشلىق، تاۋۇز-قوغۇنلارنىڭ، باغلاردا ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ شاخلىرىدا قۇرۇپ ياكى سېسىپ تۆكمە بولۇۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھەمبەھىرلىگەن تىك-توك ۋىدىيولىرىدا ۋاقتىدا سۇغارمىغان، ۋاقتىدا يىغىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكتىن شېخىدا سېسىپ تۆكمە بولۇۋاتقان مېۋە-چېۋىلەر، ئۆلۈپ كېتىۋاتقان مال-چارۋىلارنىڭ ئەھۋالى نامايان بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە يوللارنىڭ توسۇلۇشى سەۋەبلىك يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق تىجارىتى توختاپ، مىسلىسىز زىيان تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىسىت! ئىسىت!»، «ئەمدى قانداق قىلىمەن ؟!» دېگەن قايغۇلۇق كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن.
بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يەنە بىر يىلدىن بۇيان جاپالىق ئەمگىكى، ئېغىر قەرز ئۆسۈملىرى بەدىلىگە ياراتقان دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ھوسۇل ئالالمىغانلىقىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس قەرزگە بوغۇلىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
ئىسىمسىز تارقالغان يەنە بىر سىن كۆرۈنۈشىدە قەرز ئېلىپ مەبلەغ سېلىپ، بىر يىل ئەمگەك قىلىپ يېتىشتۈرگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى، كۆكتاتلىرىنى، مېۋە-چېۋىلىرىنىمۇ يىغالماي، بىھۇدە سېسىپ كەتكەنلىكىدىن چىدىمىغان دېھقانلارنىڭ ئېچىنىپ يىغلاپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ ئىپادىلەنگەن.
خىتايدا قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتقان بۇ ئۇچۇر ۋە ۋىدىيولارنىڭ سانى بىر نەچچە يۈزگە يېتىدۇ.
گەرچە بۇ خىل ۋىدىيولارنىڭ قەيەردىن، كىملەر تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقانلىقى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدىكى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ شېۋىلىرىدىن يالغۇز غۇلجا ئەمەس بەلكى تۇرپان، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جەنۇبتىكى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىنكاسلار ئىكەنلىكى مەلۇم.
لاگېردا ئاچ قويۇلۇشتەك قىيىن-قىستاقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۇرپاننى مىسالغا ئېلىپ، ۋاقتىدا تەكلىرىنى يىغىپ ئۈزۈملىرىنى چۈنجىلەرگە ئاسالماسلىقنىڭ تۇرپاندىكى دېھقانلار ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ھاياتلىق كاپالىتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يەنە پۈتمەس تۈگىمەس قەرزگە بوغۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە دۇنيا سەھىيە كرىزىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن كورۇنا يۇقۇمىنى كونترول قىلىشتا زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىش مۇھىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ ھەر تۈرلۈك زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن نامرات رايونلار ۋە يېزا-كەنتلەردە دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق قامال قىلىش خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئەمما پۈتۈن دۇنيادا، بۇ كورۇنا ۋىرۇسىغا قارشى چىقىرىلغان ۋاكسىنىلار تەسىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئىلگىرىكىدەك ۋەھىمە پەيدا قىلالمايدىغان، ھەممىنىڭ ھاياتى تەدرىجىي نورماللىشىۋاتقان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ چىڭىتىشىنىڭ مەقسىتى گۇمان پەيدا قىلماقتا.
ئۆمەر ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ قامالدا، ئاممىغا يېمەكلىك ۋە كېرەكلىك بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ مۇلازىمەتتە قەستەن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىپ، خىتايلارنى تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەرنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا بولسا ھەتتا ئىئانە قىلىنغان قۇتقۇزۇش يېمەكلىكلىرىنىمۇ پۇلغا سېتىپ، ھەتتا قەستەنلىك بىلەن ئاچ قويۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسىدە سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە بىرقىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، «ئاچ قويۇش» چارىسى قوللانغانلىقىنى دەپ كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇنى ئوخشاشلا خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرقىسمى» دەپ ئاتىغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، داۋام قىلىۋاتقان كارانتىن سەۋەبلىك بۇ يىل خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدا، ئاساسىي ئوزۇق-تۈلۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆمۈرنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يىللىق ئوزۇق-تۈلىكى پۈتۈنلەي ئۆزى تېرىغان بۇغداي، قوناق قاتارلىق دانلىق ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرى، پاختا، مال-چارۋىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تەمىنلىيەلىگۈدەك ئىنتايىن چەكلىك ئىقتىسادىي كىرىمدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى بىلەن، ئالدىمىزدا يېتىپ كېلىۋاتقان قىش كۈنلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن يەنىمۇ غۇربەتلىك بولىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.
كانادادىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن، كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ قارىشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزا-كەنتلەردە ياشاۋاتقان، كۈنىنى ئاران ئېلىۋاتقان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۇچرايدىغان كورۇنا ۋىرۇسى باھانىسىدىكى بۇ خىل قاتتىق قامال قىلىشنىڭ جىسمانىي، روھىي ۋە ئىقتىسادىي زەربىسى ئېغىر بولىدۇ. بەلكى مەزكۇر ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بۇ خىرىس ئۇزاققا سوزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، باقمىچىلىق ۋە شەخسىي ئىگىلىكى خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى قامال تەدبىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار قۇل ئورنىدا خىتاي زاۋۇت-فابرىكىلىرىغا، كارخانىلىرىغا ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ، ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان بۇ خىرىسلارنى ب د ت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ بىرلىشىپ جىددىي ھەل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تىك-توك ئارقىلىق داۋاملىق تارقىلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر دىيارىدا ھاۋانىڭ سوۋۇشى بىلەن قىشنىڭ غېمى باشلانغان. تىك-توك ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەسلىكنى قانداق يېڭىش، قىشنى قانداق چىقىرىشتەك جىددىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇش ئېھتىياجىنى ۋە نارازىلىقىنى ھەر خىل خەتەرلەرگە قارىماي دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ھەددىدىن ئاشقان ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارانتىن تەرتىپىنىڭ قاچان بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما پەۋقۇلئاددە ھالەت ھەمدە كارانتىن تەرتىپىگە قەتئىي رىئايە قىلىش لازىملىقى داۋاملىق تەكىتلەنمەكتە. لېكىن، كارانتىن تەدبىرىنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى نامەلۇم.