خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشچە، خىتاي مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسى پونكىتىنى قۇرغان، بۇ ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا %58.2 ئېشىش سۈرئىتىنى كۆرسىتىدىكەن.
بىر يىل ئىچىدە خىتاينىڭ رايوندىكى بۇ تۈر قۇرۇلۇشىغا ئاجراتقان مەبلىغى 1 مىليارد 650 مىليون بولۇپ ھازىرغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلى 30 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسى پونكىتى قاپلىنىپ بولغان.
خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېيتىلىشىچە يەنە، رايوندا ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 12 گە يېقىن 5G ئاساسى پونكىتى توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر، ناھىيە شەھەر بازارلىرى ۋە %90.53 يېزا-بازارلار 5G تورى بىلەن قاپلانغان.
ئىنسانىيەت يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى 5G ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى، كىشىلەرنىڭ دۇنيا ۋە شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىراقتىن داۋالاش، ئەقلىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە قوللىنىشچان پروگراممىغا ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە يېڭى ۋە ئەقلىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. 5G تېخنىكىلىرىنى دېموكراتىك، ئەركىن دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى، ئۇچۇر ئالاقىنىڭ ئۈنۈمىنى، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان بولسا، ھالبۇكى بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنسانلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقانلىقى خەلقئارادا ئەندىشە قوزغاۋاتقان تەرىپىدۇر.
«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابى ئارقىلىق خىتاينىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار، كۆپ تەرەپلىمىلىك دەلىللەر ۋە ئۆتكۈر ئانالىزلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن، شۇنداقلا مۇنتىزىم ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكادىكى لىنكولىن ئاقىللار ئامبىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا مۇتەخەسسىسى گېففرېي كاين بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ھەمىشە ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5G نى ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە كېڭەيتىشىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «30 مىڭ 5G پونكىتى دېمەكلىك پەۋقۇلئاددە زور سان، بولۇپمۇ نوپۇس زىچلىقى خىتاينىڭ ھەر قانداق يېرىدىن ئالاھىدە تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر رايونى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. گەرچە بۇ رايونغا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان تەقدىردىمۇ بۇ يەنىلا ئىنتايىن زور كۆلەملىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنچىۋالا كۆپ ساندىكى پۇنكىتنى قۇرۇش، گۇمان تۇغدۇرىدىغان ئەندىشىلىك بىر مەسىلە. مېنىڭچە بۇ قەدەر 5Gپونكىتلىرىنى قۇرۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتىدىن پايدىلىنىپ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى پەۋقۇلئاددە ھالدا كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» بۇلتۇر-11 ئايدا، «شىنجاڭدا 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 20 مىڭغا يېقىنى قۇرۇلدى» دەپ خەۋەر ئېلان قىلغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 2019-يىلى 5G ئاساسىي پونكىتلىرىنى قۇرۇشقا باشلىغانىدى، ھازىر رايوندىكى 5G يانفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى 11 مىليون 277 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ %38 نى ئىگىلىگەن.
پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب ئۈسكۈنىلىرىنى زور مەبلەغ ۋە كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، 5G تورىنىڭ ناھىيە ۋە يېزا-بازارلارغا بولغان قاپلىنىش دائىرىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەلەردە «رەقەملىك شىنجاڭ» پىلانىنى مۇستەھكەملىمەكچى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان 5G پونكىتلىرىنى قۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا، ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان يۈز تونۇش سىستېمىسى، زور كۆلەملىك كامېرا ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان گېففېري يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق 5G ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسىدا ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى تەمىنلىگەن خۇاۋېي شىركىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى، ئۇنىڭ خىتاينىڭ ‹دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى› بويىچە ھۆكۈمەت جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن ئۆز خېرىدارلىرىنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇاۋېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئەندىشە قوزغاۋاتقان يېرىمۇ شۇ. چۈنكى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئىنسانلارنى كونترول قىلىش ئەڭ قولايلىق تەقىب قىلىش ۋاسىتىسىدۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىۋاتقانلىرى، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى ھەر قانداق تەقىب قىلىش تېخنىكىسدىنمۇ كۈچلۈك ھالدادۇر. بۇنداق بولغاندا خىتاي كومپارتىيەسى ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ھەر قانداق جايدا دەخلىسىز، تەل-تۈكۈس كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.»
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، 5G مۇھىتىدا ئىنتېرنېت تورىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ. 5G تېخنىكىسى بۇلۇتنى ئاساس قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ.
ئىلگىرى قارىماي شەھىرىدە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق شوپۇرسىز ساقچى ئاپتوموبىلىنى سىناق قىلىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭەيتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان گېففرېي ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەمدە 5G پونكىتلىرىنى قۇرۇپ ھازىر قىلغان تور مۇھىتىدا، خىتاينىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ماشىنا، يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىمسىز تور ئارقىلىق ئۇلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دائىرىلەرنى يەنىمۇ قولايلىق ھالدا كونترول قىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشتا ئەمدى لاگېرلارغا ئېھتىياجى قالمىدى. چۈنكى ئۇ لاگېرلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورنىغا ھازىر، 5G تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزىنى غايەت زور لاگېرغا ئايلاندۇرۇپ بولدى دېيەلەيمىز.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش ساھەسىنىڭ ‹14-بەش يىل›لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، 5G تورى ئابۇنتلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %56 كە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان.
خىتاي خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا قۇرغان «شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش» ئىدارىسىنىڭ بۇ تۈرگە مەسئۇل ئالاقىدار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5G تورىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، 5G نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش سىياسەتلىرىنى جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتقان ئىكەن.