ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالغان

0:00 / 0:00

سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلاردىن سوئال سوراش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئوخشاش تەسىر كۆرسەتكەنلىكى يەكۈنلەنگەن.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنى ساقايتىش مۇلازىمىتى»، يەنى ئىنگلىزچە «ستارتتس» دەپ ئاتالغان ئىدارە بىلەن يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتى ھۆكۈمىتى، ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىش تەشكىلاتى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پائالىيەتتە «ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنى ساقايتىش مۇلازىمىتى» خادىملىرى سىدنېيدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدىن قانداق ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقى ياكى قانداق ياردەملەرنى قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىقلار توغرىسىدا 24 سوئال سورىغان.

بۇ پائالىيەت توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى بەختىيار بۆرە ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتتە ‹ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنى ساقايتىش مۇلازىمىتى›، يەنى ‹ستارتتس‹تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرى سۆز قىلدى. بۇلاردىن سىرت سىدنېيدا ياشاۋاتقان يۈزدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق قاتناشتى. ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى سۆز قىلدى».

بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى بولسا، سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ‹ستراتتس›نىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ستراتتس›تىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا روھىي، جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۇقۇش، ئاخىرىدا بۇ توغرىلىق دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇش، ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قايسى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىشنى بەلگىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان. مۇشۇ بويىچە ئۇيغۇرلاردىن سوراش ئۈچۈن 17 بەتلىك سوئال تەييارلىغان. 100 ئەتراپىدا كىشى 8 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ 24 سوئالغا جاۋاب بەرگەن بولدى. بۇنىڭدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كەيپىياتى، زۇلۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازابلارنىڭ قايسى دەرىجىلەرگە بارغانلىقى، بۇ روھىي ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ‹ستارتتس› بىلەن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە قىلىپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلدى».

«STARTTS» ئىدارىسى بىلەن يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتى ھۆكۈمىتى، ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىش تەشكىلاتى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن چوڭ پائالىيەتتىن كورۇنۇش. 2022-يىلى 15-ئۆكتەبىر، ئاۋسترالىيە.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سوئالغا بەرگەن جاۋابى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «يۇقىرىدىكى 8 گۇرۇپپا بەرگەن جاۋابلارنى ھەر گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن بىر كىشى خۇلاسىلەپ سەھنىگە چىقىپ ئوقۇپ بەردى. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم بولغىنى 100 ئۇيغۇرنىڭ 24 سوئالغا بەرگەن جاۋابىنىڭ 98 پىرسەنتى بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىن ياكى ئوخشاش چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلىغان ‹ستارتتس›نىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، دېمەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى، شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئومۇمەن ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىپتۇ. ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئوخشاش دەرىجىدە ئازاب ۋە روھىي بېسىمغا ئۇچراپتۇ، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى، بۇنى خۇلاسىلەپ بىر دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش پىلانى تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى».

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مەھمەت جەلەپچى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ستارتتس» بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت «ئۈمىد ئۇيغۇر» مەكتىپىنىڭ بالىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان.

«ئاۋسترالىيە يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس شتاتىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇپ قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنى ساقايتىش مۇلازىمىتى»، يەنى «ستارتتس»، نەچچە يىللاردىن بۇيان شەخسلەرگە ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ئازابلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ كەلگەنىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي ياردەم ئارقىلىق دىنىي دەرسلەرنى ئۆتۈش، ياشلارنى تەربىيەلەش، شۇنداقلا ئاياللارغا تىكىش ۋە لايىھىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ياردەم خىزمەتلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇ ھەقتە مەزكۇر پائالىيەتكە زور كۈچ چىقارغان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن خانىم مەلۇمات بەردى.