خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى لۇ ۋېنلى يېقىندا «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن سۆزىدە، ئۇيغۇر ۋە خىتاي قاتارلىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سودا-ئالاقە قىلىش، توي قىلىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى» نى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر لۇ ۋېنلنىڭ پىكىرلىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ، بۇنداق قاراشنىڭ تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ دەل خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
لۇ ۋېنلى مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنى مىسالغا ئالساق، تارىختا مەيلى ناھىيەلەرگە ئەمەلدارلارنى ئەۋەتىش بولسۇن، ئەسكەرلەرنى ئىشلىتىپ دېھقانچىلىق قىلىش ياكى چېگرانى قوغداش ئۈچۈن بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. ھەر قايسى مىللەت ۋە گۇرۇپپىلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، نىكاھ (توي قىلىش) ئارقىلىق بىرلىشىش، سودا ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئارقىلىق ‹ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش› ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ‹ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش› بولسا تارىختا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىش، سودا-ئالاقە قىلىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامايان قىلىنغان توغرا يۆنىلىشىدۇر. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن شەكىللىنىشىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم لۇ ۋېنلىنىڭ يۇقىرىدىكى پىكىرلىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «لۇ ۋېنلىنى تارىخنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىغان. تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ توي قىلىشى ئومۇملاشقان ئەمەس. ئەگەر ئومۇملاشقان بولسا ئۇيغۇرلار ھازىرقى مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قالالمايتتى. جۇڭخۇا مىللىتى دېگەن ئۇقۇم 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ پەقەت خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان».
تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى لۇ ۋېنلىنىڭ پىكىرنىڭ ھېچ بىر ئاساسى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ياكى مانجۇلار بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى يوق دېيەرلىك. لۇ ۋېنلىنىڭ كۆز قاراشلىرى تارىخى پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي كۆز قاراش. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. مەقسىتى بولسا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش».
لۇ ۋېنلى يەنە مۇنداق دېگەن: «مانجۇ ئىمپېراتورى نۇرخاچ «مانجۇ-خەن بىر گەۋدىلىشىش» ئۇقۇمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خىتاي تارىخىدىكى «بۈيۈك بىرلىشىش» ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. بىر گەۋدىلىشىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ‹ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش› ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تېخىمۇ تۆھپە قوشتى؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى شەكىللەندۈردى ۋە ئىلگىرى سۈردى. ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، خىتاي، تۇڭگان ۋە باشقا مەدەنىيەتلەر بىر-بىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىنى شەكىللەندۈردى».
ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى (Indiana University) نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم لۇ ۋېنلىنىڭ يۇقىرىدىكى پىكرىنى رەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «تارىخى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدىكى پاكىتلار لۇ ۋېنلىنىڭ يۇقىرىدىكى پىكرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. تارىختىكى ئىپارخان ۋە نۇزۇگۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى بۇنىڭغا ياخشى مىسال بولالايدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئاياللارنى خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغۇزۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى ۋە دەپسەندە قىلىشى چېكىگە يەتتى. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر».