ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئاشۇرماقتا
2023.12.26
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» دېگەندەك ناملار بىلەن خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچلۈك يوسۇندا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى-ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتى» يىغىنى سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا، رايون بويىچە بۇ خىلدىكى ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەمدە «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ» نىڭ تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا يەنە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى-ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئۇل سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىش لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان. «خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتى ئارقىلىق ئاساسىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى نىشان قىلغان مېڭە يۇيۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش تەشۋىقاتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان بۇ خىلدىكى ئەخلاق تەربىيەسى سىياسىي-تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە 10 يىل خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، نۆۋەتتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلنار ئېزىز خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش «ئۇل سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش قاتارلىق «پارتىيە قۇرۇلۇشى-ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش» تەك سىياسىي تەربىيەلەرنى ئېلىپ بېرىشى ماھىيەتتە، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئۆز تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆزلىگەن.
گۈلنار ئېزىز خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بۇرۇنلا سىستېمىلىق تۈزۈلۈپ، تارىختىن بۇيان قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان پىلان. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ مەسىلىگە ھەرقاچان ھوشيار تۇرۇش زۆرۈر. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىۋاتقان بۇ خىلدىكى «ئۇل سېلىش» ۋە «پارتىيە قۇرۇلۇشى-ئەخلاق تەربىيەسى» نامىدىكى سىياسەتلىرىنى «ئوچۇق-ئاشكارا شەكىلدىكى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش تەربىيەسى» دەپ قارايدۇ. گېرمانىيە ميۇنخېندىكى «ئۇيغۇرىيە ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىم خانىم ئەنە شۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقىنى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئەسلا ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇرى ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقاتقان بىر ئەۋلادقا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىدۇر. بۇ خىل تەربىيەدە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى قۇل قىلىپ تەربىيەلەش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى نۆۋەتتە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىك تۇيغۇسى بىلەن تەربىيەلەشنى تاللىۋالغان. شۇنىڭدەك بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىش ھەمدە بۇ جەھەتلەردىكى ئوقۇتۇش ۋە مائارىپ سىستېمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى تونۇپ يەتكەن. سالامەت ھاشىم خانىم بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، گېرمانىيەدە تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇرىيە ئانا تىلى مەكتىپى» نىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلاردا ئۇيغۇر كىملىكىنى يېتىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ياشاش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغان ئەمەلىي خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
بۇ خىلدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى گېرمانىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە قۇرۇلغان ئەڭ دەسلەپكى ئانا تىل مەكتىپى ھېسابلىنىدىغان، قۇرۇلغىلى 31 يىل بولغان ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نى بۇ جەھەتتىكى ئۈلگىلىك مىساللارنىڭ بىرى، دېيىش مۇمكىن. بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى يۇلتۇز تېيىپجان خانىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھالسىرىتىپ، ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتە تىرىكتەك كۆرۈنسىمۇ روھىي جەھەتتىن پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان نۆۋەتتىكى «پارتىيە قۇرۇلۇشى-ئەخلاق تەربىيەسى» ئەمەلىيەتتە يېڭىچە نامدىكى مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىدۇر. بۇ ھال ھەرقانداق كىشىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرىدىغان بىر مەسىلە. يۇلتۇز تېيىپجان خانىم بۇ خىل ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە مۇھىم ۋە ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى.
يۇلتۇز تېيىپجان خانىم ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇزۇن يىللىق ئانا تىل ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، ئانا تىل تەربىيەسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنتلەرنىڭ تەبىئىي يوسۇندا ۋەتەننىڭ غېمىنى يەيدىغان، مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بىر دەپ ئويلايدىغان ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنۇلارنى دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تۈرلۈك سىياسىي تەشۋىقاتلار نامىدا ئۇيغۇر زېمىنىدا ئەسىرلەر بويى ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قارا قولىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇزىتىۋاتقان ۋەزىيەتتە، چەتئەللەردىكى يات مۇھىت، يات بىر تىل، يات بىر مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇق روھىي ۋە ئانا ۋەتەن تۇيغۇسىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشقا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى قوغداپ قېلىشتا ئانا تىلىنىڭ رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ قالماقتا.