ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستانبۇلدا مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك سەنئىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» 13-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي باشلاندى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، بۇ كۇرسنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆزىدە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، ئىككى ھەپتىلىك ئۇ كۇرستا كۆرۈنەرلىك نەتىجىدە قازانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى شۇنداقلا مىللىي كىملىكنى قانداق قوغداپ قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياشلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتتە تەربىيەلەش ئۈچۈن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئامېرىكىنىڭ بىر دىپلوماتىيە خادىمى مۇھىم سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولۋىيا ئىنوس (Olivia Enos) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل
خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولۋىيا ئىنوس (Olivia Enos) سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يىغىندا يەنە خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولۋىيا ئىنوس (Olivia Enos) خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنى بۇ پىروگراممىغا تەكلىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنچىۋالا جىددىي بىر مەسىلىگە قېتىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىش مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن چوڭ بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى دەرىجىدىن تاشقىرى جىددىي بىر مەسىلە. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەت داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىش، ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر ئىش. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇيغۇرلار قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاش ۋە ياردەم بېرىشكە ئەرزىيدۇ. پۈتۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تاقالغۇچە بىزمۇ تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ مەسىلە ھەر بىر مەھبۇس ئەركىنلىككە چىققۇچە، ھەر بىر ئائىلە بىرلىشىپ ئۆزئارا جەم بولغۇچە پۈتۈن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى ئالاقىدار قىلىدىغان بىر مەسىلىدۇر. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتى، تىرىشچانلىقى ۋە زېھنىنى بېغىشلىغان شەخسلەر ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈن مانا مۇشۇ زالدا ئولتۇرۇپتۇ، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتلار، لېكسىيەلەر ۋە نۇتۇقلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» .

ئولۋىيا ئىنوس خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ كۇرستىن تولۇق پايدىلىنىشىنى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قانداق قىلغاندا ئۆزلىرىنى ئەڭ ياخشى يېتىشتۈرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەردىن تارتىنماستىن سوئال سورىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ سۆزى ئاخىرىدا: «بۇ پروگراممىغا قاتنىشالمىغان، ئۆزىنىڭ نامىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى مۇشۇ پىروگرامما تۈگىگىچە قەلبىمىزدە ۋە ئەقلىمىزدە ساقلايلى»، دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» نىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» نىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» دا ئۈچ تۈرلۈك ساھە بويىچە ئۆگىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتى، مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇلاردىن باشقا يەنە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىملەر ئۈچۈنمۇ مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىملىق «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» 13-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە 10 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ كۇرسقا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 42 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشقان.

دوكتور مەغپىرەت خانىم بۇ كۇرسنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى كۆزلىگەن مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ھازىر ناھايىتى چوڭ قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىش ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ بۇرچى، بىز ئۆزىمىز مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتىمىز، مىللىي مەدەنىيەتنى ۋەتىنىمىزدە ناھايىتى ياخشى ياشىغان، شۇ مەدەنىيەتنىڭ مۇھىتىدا چوڭ بولۇپ ئۈسۈپ يېتىلگەن بىزلەر بولساق ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىپلا قالماستىن بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىز-باسارلىرىمىز بولغان ياشلىرىمىزنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىمىز كېرەك، ياشلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ھاياتىدىكى ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن لېكسىيە سۆزلەپ ھەم ئۆزىنىڭ ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىدىغان ھەم ئۇيغۇرلۇقىنى، مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىك رول ئوينىيالايدىغان دەرىجىدە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلدۇق» .

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» نىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە رەھبەرلىك بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» نىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 13-ئىيۇل، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ كۇرسنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتايغا قارشى كۈرەش سېپىدە كەلگۈسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش جەھەتتە ياشلارنى تەربىيەلەپ ئىز باسار يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش ۋە بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن بۇ كۇرسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ كۇرسقا قاتناشقان بىر قىسىم ياشلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مائىدە، بۇ كۇرسقا قاتناشقان تەسىراتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلىيەلىگەن بولسىمۇ ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى ھەپتىلىك كۇرسقا قاتنىشىپ ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى، بۇ قېتىمقى كۇرسقا يەنە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ياپونىيەدىن كېلىپ كۇرسقا قاتناشقان مەردان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ياپونىيەدە خەلقئارا ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇ كۇرسقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇلپىقار ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش ئامېرىكادىن ئۆزى بىلەن ئۈچ ئوقۇغۇچى كېلىپ بۇ كۇرسقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكادىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.