ئۇيغۇر ياشلىرى ۋېنادا دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەندى
2023.09.05
ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىپلوماتىيە، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە سىياسىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلغان بولۇپ، تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەۋلان دىلشات، ئاۋسترىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى گۇدرۇن كۇگلەر خانىم، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى مارتا بىسمان خانىم، ۋېنا يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى سۇئەيىپ ئاقپىنار، ئامېرىكانىڭ ۋېنا ئەلچىخانىسى خادىملىرى، ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاۋسترىيەدىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسى مەسئۇللىرى، ئاۋسترىيە ئىسلام تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسى مەسئۇللىرى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى؛
ئېچىلىشى مۇراسىمىدىن كېيىن مەزكۇر كۇرس ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، كۇرس قاتناشقۇچىلىرى، ياۋروپادا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلغان. مۇنداق خىلدىكى كۇرسلار تۈركىيە ۋە باشقا بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدە بۇرۇنمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەمما بۇ قېتىم ياشلارنىڭ ئۆگىنىش دائىرىسىگە يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلغان. كۇرسنى تەشكىللىگۈچى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۇرسى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە شۇنداقلا ئاۋسترىيەدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم كۇرس ئۆتكۈزۈش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ نۆۋەتتىكى كۇرسىمىزنىڭ مەقسىتى بولسا ياشلارنى خەلقئارا سەھنىلەردە ھۆكۈمەتلەر ئارا، دۆلەتلەر ئارا قانداق قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ دەۋاسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشقا دائىر بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇش. شۇڭا بىز نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ياشلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تونۇتۇش ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ قېتىمقى كۇرسىمىزنى ئۆتكۈزدۇق» .
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا 1-سېنتەبىر كەچتە ميۇنخېندىن يېتىپ كېلىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىممۇ بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن كۇرسلارغا ئوخشىمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ياشلارغا قارىتىلغان تەربىيەلەش كۇرسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى دەپ قارايمەن. ماڭا تەسىر قىلغان نۇقتا بۇ كۇرسقا قاتناشقانلار ئاۋسترىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان، شۇ يەرنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغان بالىلار بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر قانداق قىلغاندا بۇ دەۋانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارالايمىز دەپ بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشتى. بۇلار گەرچە ۋەتەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولمىغان ۋە ۋەتەننى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن مەن نېمە قىلالايمەن دەپ بۇ كۇرسقا قاتناشتى. بۇ، دەۋادا بىر ئۈمىدنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى» .
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ كۈنى كەچتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە يەنە، ۋەتەنپەرۋەر ۋە كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى تۈۋرۈكى، ئۈمىدى ۋە ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاياللار، ياشلار، مەدەنىيەت، خىتاي ئىشلىرى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ياشلاردىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ياشلىرىمىزنى مىللىي دەۋاغا ئىگە چىقىشقا، ھەرقايسى ساھەلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتكە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيەدىكى «ئائىلەم نەدە؟ » ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ئادۋوكات جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىمۇ، بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسقا تۈركىيەدىن كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپى ئامېرىكادىكى يەھۇدىيلار تەشكىلاتىنىڭ بىر خادىمى كېلىپ قانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە لوبى پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيەدىن كەلگەن دىلنۇر خانىممۇ بىر پىسخولوگ بىلەن كېلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. ناھايىتى پايدىلىق بولدى، پۈتۈن لېكسىيەلەر ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەندى. كەلگەن ياشلارمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك سوئاللارنى سوراشتى، كونسۇلخانا خادىملىرى بولسۇن ياكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن، بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ سوئاللىرىغا ناھايىتى ياخشى باھا بەردى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان ياشلارمۇ ئاساسەن نەچچە خىل تىلدا سۆزلەيدىغان سەۋىيەلىك ياشلار ئىكەن. مېنىڭ دەيدىغىنىممۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىدىغان سەۋىيەلىك ياشلىرىمىز ھازىر. بىز بۇندىن كېيىن چوڭلىرىمىزنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىپ، يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بار پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» .
ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەۋلان ئەپەندى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ كۇرس شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بىلەن بىرلىكتە ۋېنادا قىلغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بىلەن بىللە ئاۋسترىيە ئىسلام فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئۈمىد ۋۇرال، ئاۋسترىيە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى رەئىسى مەھمەت ئارسلان، ئاۋسترىيە تۈرك فېدېراتسىيەسى رەئىسى ئالىي جان قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بەردۇق ۋە بۇلارنىڭ شەرقىي داۋاسىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدۇق» .
مەۋلان ئەپەندى يەنە بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ھەققىدىمۇ شۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايىتى نەتىجىلىك بولدى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ياشلار بۇ دەۋادا بەك مۇھىم. ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىپ بۇ داۋانىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى بەكلا مۇھىم» .
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا ئەھدىنامىلەر، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ كۇرسقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 50 ئەتراپىدا ياش قاتناشقان، خەلقئارا قانۇنچىلار، ئادۋوكاتلار ۋە ھەر ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار لېكسىيە سۆزلىگەن. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ كۇرس 3-سېنتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشقان.