خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ماھىيەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى «قاپ بەلدىن ئوشتۇپ تاشلاش»تەك مەقسىتىگە تولۇق يەتتى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا كىشىلەر ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقاد ساھەسى قاتارلىقلار دۇچ كەلگەن ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ كەلمەكتە. بۇ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يېڭىلاش رولىنى ئوينىغان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش خاھىشىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش» ھەققىدىكى شوئارلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى» بەرپا قىلىش نامىدىكى يېڭى پەللىسىنى يارىتىۋاتقاندا مۇھاجىرەت مۇھىتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەسما مەمتىمىن ۋە ئامىنە تۇرسۇننى ئەنە شۇ خىل ياشلار جۈملىسىدىن، دېيىش مۇمكىن.
2024-يىلى يانۋاردا ئۇلار ئىشلىگەن «بىز ئۇيغۇر» تېمىسىدىكى قىسقا ۋىدىيو «تىك توك» ۋە «ئىنستىگرام» سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ ئون مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك كۆرۈلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىش قىلمىشىغا قايتۇرۇلغان ئەپچىل جاۋاب تەرىقىسىدە قىزغىن ئالقىشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار «ئۇيغۇر ياشلار ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. 18-ئاپرېل كۈنى ئەسما مەمتىمىن نيۇ-يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بۇزۇش» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالاھىدە سۆز قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى مەلۇم دەرىجىدە قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيەدىن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەسما مەمتىمىن ۋە ئامىنە تۇرسۇن بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن پارچىلار ئاڭلىغايسىلەر.