25-ئۆكتەبىردە قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى. ئەنە شۇنىڭ ھارپىسىدا مەملىكەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەن سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر، مەملىكەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار ۋە باشقىلار دۆلەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇلار تىزىمىدا ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى «قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى» دېگەن ئاتاققا مۇيەسسەر بولدى.
قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-ژومارت توقايېف 24-ئۆكتەبىردە ئاستانا شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا، خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە قوشقان سالماقلىق تۆھپىسى، ئاكتىپ جەمئىيەتلىك پائالىيىتى ئۈچۈن مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنى دۆلەت مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلىدى.
پرېزىدېنت بۇ يىلدىن باشلاپ باشقا ئاتاقلار بىلەن بىر قاتاردا «قازاقىستاننىڭ خەلق يازغۇچىسى» دېگەن ئاتاقنىڭمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، يازغۇچىلاردىن 6 كىشىگە شۇ نامنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە دراماتۇرگى ئەخمەتجان ھاشىرىمۇ بولدى.
بىز ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان ھاشىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنى مېنىڭ 70 يىللىق ئىجادىيىتىمنىڭ باھاسى دەپ ھېسابلايمەن. ئومۇمەن بۇ قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتكۈل ھاياتىمنى بېغىشلىغانلىقىمنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە بېرىلدى. قازاقىستان ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا، مەسىلەن، ‹ئىدىقۇت› رومانىم ئەزەربەيجاندا، تۈركىيەدە چىقتى. نۇرغۇن ئالىملار شۇ كىتابلىرىم ھەققىدە ياخشى پىكىرلەرنى دېدى. ئۇلار گېزىت-ژۇرناللاردا بېسىلدى. ھەر بىر يىلدا، بولۇپمۇ مۇشۇ 2023-يىلدا ياخشى ئەسەرلەر دۇنياغا كېلىپ تۇردى. مەن ھازىر 100 پىرسەنت ئىجات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. يەنە مېنىڭ خەلقىمنىڭ تارىخى مېنى ياخشى، داغدام يولغا باشلايدۇ».
ئەخمەتجان ھاشىرى ھازىر ئۆزىنىڭ تارىخىي شەخس، ئۇيغۇر پەرزەنتى تاتاتۇڭا ھەققىدە ئەسەر يېزىۋاتقانلىقىنى، يېقىن ئارىدا بۇ ئەسەرنىڭمۇ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئىجادىيىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، ئۇ، «پەخرىي يازغۇچى»، «ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پەخرىي پۇقراسى»، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ «ئالاش» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دېگەن ناملارغا سازاۋەر بولغانىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يېشىم خېلى يەرگە كەلدى. لېكىن شۇنىڭغا قارىماي پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلقىم، دوستلۇق، ئىناقلىق ئۈچۈن شۇنداق ئەسەرلەرنى يازىمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن. مېنىڭ ‹قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى› دېگەن ئاتاقنى ئالغانلىقىنى خەلقىمگە تېخىمۇ يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يازىمەن. خەلقىم ئامان بولسا، بىز ھەر قاچان ياخشى ئەسەرلەرنى يازالايمىز».
ئەخمەتجان ھاشىرى 1938-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى چېلەك تەۋەسىنىڭ مالىۋاي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 7 يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ياركەنت شەھىرىدىكى پېداگوگىكا تېخنىكومىدا ئوقۇيدۇ. 1961-يىلى ئالمۇتادىكى كىروف نامىدىكى قازاق دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، يەنى ھازىرقى ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنى تاماملىغان. ئۇ دەسلەپ مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەپ، ئاندىن ئالتىنسارىن نامىدىكى پېداگوگىكا پەنلىرى ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتۇرىسىدا ئوقۇدى. خىزمىتىنى جۇمھۇرىيەتلىك قازاق رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيەسىدە، «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئەدەبىي خادىم، بۆلۈم باشلىقى ۋە جاۋابكار كاتىب لاۋازىملىرىدا داۋام قىلغان. 1982-2018-يىللىرى ئۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1986-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭ 9-قۇرۇلتىيىدا قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ كاتىپى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ 1991-يىلى «ئارزۇ» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دەۋلېتبېك بايتۇرسىنۇلى مۇنداق دېدى: «ئەخمەتجان ھاشىرى ئاكىمىزنىڭ يېشى 85 كە كەلدى. 14-15 يېشىدا قولىغا قەلەم ئالغان ئىكەن. ھېسابلىساق، يەتمىش يىلدىن بۇيان يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋېتىپتۇ. كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، نەشرىياتلاردا ئىشلىدى. ئۆمرىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقتى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدا ئۆتتى. ئۇ تارىخىي ئەسەرلەر، بەدىئىي ئەدەبىيات، تەرجىمە، دراماتورگىيە جەھەتتىن داۋاملىق ئىجات قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن ئەخمەتجان ئاكىنى ‹خەلق يازغۇچىسى› دېگەن ئاتاق بىلەن تەبرىكلەيمەن. ئۇنىڭ خەلق يازغۇچىسى بولغىنى پەقەت ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈنمۇ خۇشاللىق. بىز ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.»
مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىيا سەمەدى، ھېزمەت ئابدۇللىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف، جامالدىن بوساقوف، ئىلىيا بەختىيا، دولقۇن ياسىنوفقا ئوخشاش داڭلىق شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ياشاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ شۇلار قاتارىدا ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭمۇ ئۈنۈملۈك ئىجاد قىلىپ، قازاقىستاندا زىيا سەمەدىدىن كېيىن قالسا ئۇيغۇرلاردىن ئىككىنچى بولۇپ مۇنداق چوڭ ئاتاققا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان ھاشىرى ئۆزىنىڭ رومانتىكىلىق كەيپىياتى بىلەن يېڭى رىيالىستىك ئەسەرلەرنى يارىتىشقا باشلىدى. ئۇ 50-60-يىللىرى بىر تۈركۈم پوۋېست ۋە ھېكايىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇنياسىغا دادىل قەدەم تاشلىدى. قازاق، ئۆزبېك ئەدەبىياتلىرى بولسۇن، تارىخىي رومانلارنىڭ ئورنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى. ئەخمەتجان ئاكىمۇ ناھايىتى چوڭ ئەسەرلەرگە بەل باغلىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹بارچۇق ئارت تېكىن›، ‹ئىدىقۇت› رومانلىرى مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر دراماتورگىيەسىگە قوشقان تۆھپىسى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىدىكى يارقىن پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى پائالىيىتى مۇناسىپ باھالىنىپ، ‹قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى› ئاتىقى بېرىلدى. بۇنىڭغا بىز، ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى خۇرسەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئەخمەتجان ھاشىرى «ياشىغىنىم ياشىغان»، «كەچمەس كۆڭلۈم»، «سولماس گۈل»، «يەرگە تۆكۈلگەن ياش»، «تەقدىر» ناملىق پوۋېست ۋە ھېكايىلەر توپلاملىرى، «نۇر ئانا» ناملىق پوۋېست، دراما ۋە ھېكايىلەر توپلىمى، «يالغۇز يالپۇز» رومانى، «ئىدىقۇت»، «بارچۇق ئارت تېكىن» ناملىق 2 توملۇق، «ئۇيغۇر-ئورخون قاغانلىقى» تارىخىي رومانلىرىنىڭ ئاپتورىدۇر. ئۇنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرى رۇس، تۈرك، ئەزەربەيجان تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. «يەرگە تۆكۈلگەن ياش» پوۋېستى بولسا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلق نەشرىياتىدا يورۇق كۆرگەن.
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ «ئۆلمەس بولۇپ تۇغۇلغانلار»، «مۇقامچى»، «دېھقان»، «ئىدىقۇت»، «يالغۇز يالپۇز»، «چارباغ»، ئون ئىككى مۇقامنىڭ «راك»، «چەببيات»، «مۇشاۋىرەك»، «پەنژىگاھ» مۇقاملىرىنىڭ سەھنە نۇسخىلىرى ئۇيغۇر تىياتىرى سەھنىسىدە قويۇلغان.