ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىس ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئىنكاسى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشى ھەمدە بۇنىڭغا ئۇلاپلا مىليونلىغان كىشىنى لاگېرلارغا قامىشى بىلەن بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلارغان «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن ۋەدە يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ تاشقى دۇنيادىن قەتئىي مەخپى تۇتىلىۋاتقان لاگېرلاردىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ مەلۇم بولۇشى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقى تېخىمۇ زور ئەندىشىلەرنى قوزغىدى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر پائال ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئىقتىسادىي كونتروللۇق ئارقىلىق ئۆز قىلمىشلىرىغا تاشقى دۇنيادىن «ھېمايىچى» ئىزلىشى يەنە بىر ياقتىن بۇ مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىنىشىگە تۈرلۈك توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇشۇ خىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ ئوخشىمىغان مەملىكەت ۋە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ ئادالەتنى ياقلىشى بارغانسېرى كۆپ ئالقىشقا ئېرىشىشكە باشلىدى.

يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىشتەك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا قانداق رولى بولغانلىقى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ زور كۆلەمگە ۋە قوللاشقا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 22-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى .

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى باسقۇچقا ئايرىلغان بولۇپ، ئالدىنقى باسقۇچتا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق كىرىزىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز بولدى. ئالدى بىلەن «دېتروئىت يەھۇدىيلار جامائىتى ئالاقە كېڭىشى» نىڭ رەئىسى رابباي ئاشېر لوپاتىن سۆز ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتە يەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلار بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان بولسىمۇ بۇ ئىشلاردىن كۆپ كىشىلەرنىڭ تېخىچە خەۋەرسىز يۈرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر بۇ پاجىئەلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئۆز مەسىلىسى قاتارىدا جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىكى بۇ پاجىئەلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتقا ھاۋالە قىلدى.

ئۆمەر قانات سۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن «خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئەڭ زور ئېنېرگىيە مەنبەسى، شۇنىڭدەك سىياسىي، ئىقتىساد ۋە دۇنياۋى ئالاقە ئۈچۈن غايەت زور دەرىجىدە مۇھىم بولغان بىر رايون. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملار ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى باشلانغان» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئۆتمۈشتىن تارتىپ داۋام قىلىپ كەلگەن بۇ زۇلۇملارنىڭ 2010-يىلىدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە مىليونلىغان كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشى كېلىپ چىققانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. شۇ قاتاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە قارىتا «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلاش، ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش» دېگەن سىياسەت بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىكى ئورتاق قۇربانلىققا ئايلانغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگىرلارغا قامىلىپ بولغاندا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى يەسلىلەرگە يۆتكلىپ، تىل ۋە مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقىنى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ جايلارنى «بالىلار لاگېرى» دەپ ئاتىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆمەر قانات يەنە شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ۋە سۈنئى ھەمرا سۈرەتلىرنىڭمۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئىسپاتلاۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلارنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە يەھۇدىيلار جامائىىتىنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ساھەسىدىكى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر گۇۋاھچىلاردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت ئاساسلىقى ئۆز ئىنىسىنىڭ قىسمەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ماھىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ھازىر بىرنەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىپ بولغانلىقى ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى پەقەت سان-سىفىر ئەمەس، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداشلار ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە لاگېرغا قامالغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەرخىل كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يىغىن ئەھلىگە ئىنىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا زىيارەتچىلىرى ناھايىتى كۆپەيگەن «باغداش تورى» نى قۇرغانلىقى، بۇ تور بەتنىڭ ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يەرلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسدا كۆۋرۈك بولۇش رولىنى ئوينىغانلىقىنى، 2015-يىلى بولسا ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆتكەن 60 يىللىق مۇساپىسىگە بېغىشلانغان «مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن» پروگراممىسىنى تەشكىللىگەنلىكىنى، شۇ جەرياندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى، شۇنداقلا خىتاي تورداشلىرىنىمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە جەم قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا مېيىپ بالىلارغا ياردەم بېرىش دېگەندەك كۆپ خىل خەيرى-ئېھسان ئىشلىرىنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. رەيھان ئەسئەتنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىنىسىنى ئامېرىكادىكى پائالىيەتتىن قايتىپ بېرىشىغىلا قولغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتا «مۇنەۋۋەر پۇقرا» دەپ تەقدىرلىگەن مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر ياشنى قولغا ئېلىپ لاگېرغا قامىشىنىڭ ئۆزى بۇنىڭدىكى ماھىيەتنىڭ نېمىلىكىنى ئەڭ روشەن نامايەن قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەھۇدىيلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پاجىئەلىرىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە بەك كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن بۇ ئىشلار ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلمەكتە ئىكەن.

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ھەرقايسى جايلاردىكى يەھۇدىيلار جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەردى. شۇ قاتاردا «ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ ۋەكىلى ئېلان سىلبى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھېمايىگەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ روشەن ئۈنۈملەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ رەئىسى بىنى گۇتمان بولسا ئۆتمۈشتىكى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي شۇئارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كىرىزىسىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بۇراش، بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن پائال خىزمەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر ئالاھىدە مېھمان ئامېرىكانىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى، رابباي دېيۋىد ساپېرسىتېين ئىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئاشكارا بولۇشىدىن نەقەدەر قورقىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن باشلاپلا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇنىڭ قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان زور باستۇرۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئەنگلىيەدىكى «يەھۇدىي جامائىتى بىرلىكى» نىڭ دىرېكتورى ميا خاسېنسون خانىم بولسا ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەنگلىيە پۇقرالىرى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنى بۇ مەسىلىدە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلىش خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى. كالىفورنىيەدىكى «يەھۇدىيلار دۇنياغا نەزەر» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سېرېنا خانىم بولسا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلار ھازىر شۇنچە ئېغىر بىر سەۋىيىگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن خەۋەردار سىياسىيونلارنىڭ ئۇنچە كۆپ ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بۇ رېئاللىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قاراپ، زۇلۇمغا قارشى ئۆز ئاۋازىنى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى. شۇ قاتاردا كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك لاگىېرلار جىددىي كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشنىڭ لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.