«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 18-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر يار» فوندى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان «خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتتى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېزا-قىشلاقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق جايلاردىكى يەر-جايلارنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 25000 يېزا-كەنتنىڭ تەخمىنەن 3600 نىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ياكى قايتا بېكىتىلگەن.
بۇلاردىن 630 يېزا-قىشلاقنىڭ ناملىرىدىكى «سەزگۈر» تەركىبلەر، جۈملىدىن «خوجا»، «خانىقا»، «سۇلتان»، «مەسچىت»، «بەگ»، «مازار»، «ئوردا» دېگەندەك ناملار بىردەك «زامانىۋى ئاتالغۇ» لارغا ئالماشتۇرۇلغان ۋە خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن بۇ كەنتلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمى دىنىي، مەدەنىيەت ياكى تارىخىي خاراكتېرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ يېزا-قىشلاقلارنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەمدە دىنىي ئېتىقادلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يەر-جاي ناملىرى ئورنىغا بولسا «قىزىل يۇلتۇز»، «قىزىل بايراق»، «بەخت»، «ئىناقلىق»، «ئىتتىپاق» ۋە «بىرلىك» دېگەندەك قىزىل ۋە سىياسىي ناملار دەسسىتىلگەن.
دوكلاتتا بۇ ھال: «خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، تارىخى ياكى مەدەنىيەت مەنىسى بار يۈزلىگەن يېزا نامىنى سىستېمىلىق ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسىمغا ئۆزگەرتتى» دەپ كۆرسىتىلگەن.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ئىكەن.
دوكلاتتىكى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ناملىرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىن يەنە، 2011-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ھەر يىلى سىياسىي مۇددىئادا ئۆزگىرىش گەۋدىلەنگەن 630 يېزا ئىسمىنىڭ %80 كە يېقىن قىسمى 2017-، 2018-ۋە 2019-يىللىرى ئۆزگەرتىلگەن. بۇلارنىڭ 27 پىرسەنتى 2017-يىلى، 37 پىرسەنتى 2018-يىلى، 15 پىرسەنتى 2019-يىلى ئۆزگەرتىلگەن. دوكلاتتا بۇ مەزگىلنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىلىگە توغرا كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپىنچىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان قەشقەر، ئاقسۇ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىش قىلمىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ۋە دىنىي چۈشەنچىلەرنى ئۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەسىرى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ دوكلاتتىكى ئاساسلىق ئەمگەك تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپقا مەنسۇپ، بىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يىللاردىن بۇيان دوكلاتلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز ۋە داۋاملىق تۈردە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان يوقىتىش ۋە باستۇرۇشلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر نۇقتىلاردىن يورۇتۇشتا، ئابدۇۋەلى تەمىنلىگەن ئۇيغۇر تارىخىي يەر-ناملىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى ۋە ئۆزگەرتىلىشىگە دائىر بۇ ماتېرىياللار ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداقلا ھەمكارلىقىمىزدا پۈتكەن بۇ دوكلات بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور مەنىۋى ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر يېزا قىشلاقلىرىنىڭ ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆچۈرۈپ تاشلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پۈتۈن سىياسىتىنىڭ مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى باستۇرۇش بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تارىخىنى ھەتتا كەلگۈسىنىمۇ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىم بولغانلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇشى ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىشىدۇر» .
مايا ۋاڭ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ئۆزى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى ئوي پىكىرلىرىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. يەر ناملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نېگىزلىك سىمۋوللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېمەك سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ۋە تەسەۋۋۇرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولىسىز، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئىنسان ھوقۇقىغا قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىقتۇر. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى ھېچنېمە دېيەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە بوي سۇنۇشقىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا رازىمەنلىك ۋە تەشەككۈر بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ خىل باستۇرۇش دەرىجىسىدىن، بىز، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا قايسى دەرىجىدە ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا قارىتا ئىنتايىن چوڭقۇر دەرىجىدە ئىنسانىيلىققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز».
مەزكۇر دوكلات، 18-ئىيۇن كۈنى، يەنى ب د ت نىڭ جەنۋەدە 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى باشلانغان ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتىكى ئاساسلىق تەتقىقاتچى، «ئۇيغۇر يار» نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتتا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن باشقا ئۆزىنىڭ ئاشۇ خىل نامى ئۆزگەرتىلگەن يېزىلاردا ياشاپ باققان مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر دوكلاتنى ب د ت نىڭ 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا ئۈلگۈرتۈش تەقەززاسى تۈپەيلى دوكلاتتا يەنە نۇرغۇن مۇھىم نۇقتىلارنى يورۇتۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىنىڭ ناملىرىنى ئۆچۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتكەنلىكى، دەسلەپتە «قاراقاش ھۆججىتى» ۋە «ئاقسۇ ھۆججىتى ھەمدە «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» ، «كونا شەھەر ھۆججىتى» گە ئوخشاش ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم دەلىل ئىسپاتلىرىنى دەلىللەش جەريانىدا پاش بولغان ئىكەن.
ئابدۇۋەلى ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ۋە گىرافىكلاشتۇرۇش جەريانىدا ئايدىڭلاشقان ئەڭ مۇھىم نۇقتىنىڭ قانچە كۆپ يېزا-كەنتنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن جايدا، شۇنچە كۆپ ئادەم تۇتۇلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشى بىلەن خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلار تۇشمۇتۇشتىن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى 20-ئىيۇن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ ھەرىكەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ئۆچۈرۈشتىكى سىستېمىلىق تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر باياناتىدا خەلقئارالىق ئورۇنلار، ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى «شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشى ھەم گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش» قا چاقىرغان.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان پۇقرالار ھوقۇقى ۋە تەشۋىقات تەشكىلاتى بولغان «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى» (CAIR) ) مۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن. مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئىبراھىم خۇپېر 19-ئىيۇن «بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىش قىلمىشى شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارغا خاس ئىسلامىي مىراسلارنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بۇ خىل قىرغىنچىلىق خاراكتېردىكى قىلمىشلارنى توختىتىشقا جىددىي ھەرىكەت قىلىشى لازىم» دېگەن.
20-ئىيۇن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىبراھىم خۇپېر ئەپەندىدىن، بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «بۇ، ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى. ئۇلار خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلۇقنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئۇيغۇن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا».
ئىبراھىم خۇپېر يەنە بىزنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزۈشىنى توسۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز بۇنىڭغا قارشى چاقىرىق قىلىش، ئەمما ھۆكۈمەتلەر خىتايغا قارشى ئەمەلىي تەدبىر ئالالايدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان بۇ باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. پۈتۈن خەلقئارا جامائەت بۇنى ئەيىبلىشى كېرەك بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى بۇنى قاتتىق ئەيىبلىشى كېرەك» .
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە خېلى بۇرۇنلا تۇتۇش قىلغانلىقى مەلۇم. رادىيومىز بۇ ھەقتە دەسلەپ 2015-يىلى ئاپرېلدا خەۋەر بەرگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىگىلىشىمىزدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى 2014-يىل 7-ئايدا باشلىغانلىقى ۋە بۇنى 2018-يىلى 7-ئايغىچە ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ، دائىرىلەرنىڭ يەر ناملىرىنى 2-قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمى مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل تاكتىكا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش زالىم ۋە بېسىۋالغۇچى ھاكىمىيەتلەرگە ئورتاق بولسىمۇ، ئۇلار بۇ تاكتىكىسىنى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشتىكى يۇقىرى تېخنىكىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېزا ناملىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ياكى تۈرمىگە سولاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر دەپسەندە قىلىش، قىيناش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە كۆپىيىشنى چەكلەش جىنايىتى قاتارلىق رايوندا ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەرنىڭ بىر قىسمى. ئۇ پەقەت دىنى تۈس ئالغان مازار دېگەن سۆزنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ياكى يېزا ئىسمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان بۇنى خاتىرىلىگەن كىشىلەرمۇ جازالىنىدۇ، راھىلە داۋۇتتەك داڭلىق ئىنسانشۇناس بۇ ناملارنى دوكلاتلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا ھازىر تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ زور باستۇرۇش ئاستىدىكى رايون ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر-جاي ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشى ھەتتا بۇرۇندىنلا داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەر-جاي ناملىرىدا كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر-جاي ناملىرىنى يوقىتىشى ۋە ئۆزگەرتىشى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ، 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ «يېزا-كەنتلەرگە نام بېرىش ھەرىكىتى» ئارقىلىق يېزا-كەنتلەردە يېڭىدىن ئىسىم بەلگىلەش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. 2023-يىلى 11-ئايدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹يېزا-كەنتلەرگە نام بېرىش ھەرىكىتى› نى قانات يايدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، دائىرىلەر نۇقتىلىق ھالدا يېزا-كەنت يەر-جاي ناملىرىنى توپلاپ، خەرىتىگە چۈشۈرۈپ بەلگە سېلىش، يېزا-كەنتلەرگە قايتىدىن نام بېرىشنىڭ باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۇيغۇر يېزا-كەنت ناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغانىدى.