ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: «ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى»

0:00 / 0:00

18-ئىيۇن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىلەن «ئۇيغۇريار فوندى» بىرلىكتە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە دائىر دوكلات ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك دىققىتىنى قوزغىدى.

19-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ «زامان» گېزىتى « خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يەر ناملىرىنى ئۆچۈرۈۋاتىدۇ» ناملىق خەۋەرنى، WDR تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يۇرتلىرىنىڭ نامىنى يوقىتىۋاتىدۇ» ناملىق خەۋەرنى، «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى «خىتاي شىنجاڭدىكى يېزا ناملىرىنى زور كۆلەمدە ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىمەكتە» ناملىق خەۋەرنى، «فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىمۇ بۇ ھەقتە « قىزىل بايراق، ئىتتىپاقلىق دېگەن سۆزلەر مازار قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى، خىتاي شىنجاڭدىكى يېزا ناملىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقاتماقتا» ناملىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.

بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي ئەنئەنىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپلا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، قانچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قاماپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېغىر باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇنداقلا دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان يېزىلارنىڭ ئەسلى نامى ۋە خىتايچىلاشتۇرۇلغان ئىسىملىرى مىساللار سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن زاماندىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ مەقسىتىگە يىتەلمىگەنلىكىنى، شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بۇ سىياسەتنىڭ زوراۋانلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بىر مىللەتنى قىرغىنچىلىق بىلەن يوق قىلىۋېتىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دېگەن سەپسەتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى «ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى» دەپ ئاتىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بىلەن «ئۇيغۇريار فوندى» بىرلىكتە ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن پىكىرلەرنى دەلىللەش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بېسىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى مەقسىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر ئىكەن.