«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» نىڭ تەھرىرى، شائىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى
2023.01.12
«قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، شائىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تەشكىلاتچىلىق پائالىيىتى سەۋەبلىك 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە كېسەللىنىپ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. يېشى تېخى 50 كە بارمىغان شائىرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى قىزىلسۇ ج خ ئورگىنى دەلىللىدى.
بىز ئۆتكەن ھەپتە شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قىزىلسۇ ئەدەبىياتىنىڭ تەھرىرى، شائىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمنىڭمۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىن چىقىپ ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017 -يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇمۇ شائىر ئابدۇللا ساۋۇتقا ئوخشاشلا تۈرمىدە ئېغىر كېسەللىنىپ ساقىيىشىدا ئۆمىد قالمىغاندا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يېرىم يىلچە داۋالانغان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋاپات بولغان.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى تەييارلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە، شائىر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمنىڭمۇ ئىسمى خاتىرىلەنگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىسى، پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمنىڭ بىر قىسىم مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە ئەدەبىي ئوبزورلىرى ئەدەبىيات ساھەسىدە دىققەت تارتقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەرھۇمنىڭ كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن شاھ مەشرەپنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ھازىرقى شېئىرىيەت نەمۇنىلىرىدىن، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە يازغان ئوبزورلىرىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
دېيىلىشىچە، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم ئەدەبىيات ساھەسىگە ئىجادىي ئەسەرلىرىدىنمۇ كۆپرەك، تەشكىلاتچىلىق ئىشلىرى بىلەن ھەسسە قوشقان. شائىر پەرھات تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم تالاش-تارتىشلىق ئەسەرلىرى ئابدۇشۈكۈرنىڭ تەھرىرلىشىدە يورۇق كۆرگەن ۋە ئۇ ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
قىزىلسۇ ج خ ئىدارىسى خادىمىمۇ، ئابدۇشۈكۈرنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدە مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكى، پەقەت، قاتناشقان سورۇنلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، 45-50 ياش ئارىسىدا بولغان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم، ئائىلىسى تەرىپىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالىتىلىپ بېقىلغان بولسىمۇ، بىراق تۈرمىدە نامەلۇم سەۋەب بىلەن يۇققان مىكروب ياكى زەخمەت سەۋەبىدىن كېسەلنىڭ پەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمنىڭ ھەقىقەتنى يازغانلا ئەمەس، يازغانلىرى بويىچە ياشىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن تالاي ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.