«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن ئىككى يىلدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۇرتى خوتەن قاراقاشتىن بولغان نۇرمەمەت 2009 ‏-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشكەن.

بىز نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتقا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار بىر خادىم بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلار سانىنىڭ كۆپلۈكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ۋەزىيەتتە خەۋەردار كىشىنىڭ دېيىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2011-يىلىدىن 2015‏-يىللىرى ئارىسىدا شاڭخەي خۇادوڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇغان. كومپيۇتېر مەلۇماتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان نۇرمەمەت ئۆمەر نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدىكى تۆھپىسى بىلەنمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ يۈزدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لايىھەلىگەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك 2006‏-يىلىدىن 2009‏-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ بىر خادىمى نۇرمەمەت ئۆمەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ نۇرمەمەتنىڭ قاچاندىن بېرى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئۆزىنىڭ نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ھېرىسمەن بىر ئوقۇرمەنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار مەزكۇر كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۇرمەمەت «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر!»، «روھىيەت قاتلاملىرىنى ۋاراقلاپ»، «ئەرلەرگە 101 تەكلىپ» دېگەن ناملاردىكى ماقالە توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى ئىكەن.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. زىيارىتىمىز جەريانىدا مەزكۇر خادىم بۇ ھەقتە پەقەت مەكتەپ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن 2018‏-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ غايىب بولغان. ئۇنىۋېرسىتېت كادىرلار بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ نۇرمەمەتنىڭ ئېنىق نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى نۇرمەمەتنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئاتالمىش «جىنايەت» بولۇپ ئارتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت ئالدىنقى يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس.