«چوڭ شاھمات تاختىسى» نىڭ تەرجىمانى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

7-ئاپرېل كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرمەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن يەنە بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئامېرىكالىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى زىبىگنيېۋ برىزېنىنسكىي‏ تەرىپىدىن يېزىلغان «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم سوراققا تارتىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى.

نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەھۋالىدىن يېقىندىن خەۋەردار بولغان ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ 2017‏-يىلنىڭ بېشىدا بىر تۈركۈم تەرجىمە كىتابلىرى سەۋەبلىك ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن بىر قېتىم سوراققا تارتىلغان.

تور ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن ئامېرىكالىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى زىبىگنيېۋ برىزېنىنسكىي تەرىپىدىن يېزىلغان «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابى، يەنە ئامېرىكالىق ئاپتورلاردىن مەشھۇر مىلياردېر بىل گەيتىسنىڭ «بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن» ناملىق كىتابى ۋە ستېۋېن كوۋېينىڭ «ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» ناملىق كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن.

ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاسىدا بايان قىلىنىشىچە، نۇرمەمەتنىڭ يۇقىرىقى تەرجىمىلىرى «ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى كۆككە كۆتۈرۈش» ۋە «دۆلەت مەدەنىيىتى»، يەنى «خىتاي مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىش» دەپ قارالغان. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا نۇرمەمەت ئۆمەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇ تەرجىمە قىلغان يۇقىرىقى كىتابلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

ئاڭلىغۇچىمىز يوللىغان ئىنكاستا دېيىلىشىچە، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىشى دائىرىلەر تەرىپىدىن «ئامېرىكانىڭ سىياسىي غەرەزلىرىنى، جۈملىدىن خىتاينى پارچىلاش سۇيىقەستىنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈش» دەپ قارالغان. نۇرمەمەتنىڭ شۇ قېتىمقى سوراقتا مەزكۇر ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئۆزىنى قانداق مۇداپىئە قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولغىنىدەك، نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇن شۇ قېتىملىق سوراقتىن بىر يىل كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.

توردىكى ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتابتا مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ئانالىز قىلىنغان. كىتابتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىمسىز بىر جاي ئىكەنلىكى، بۇ جايدا تېررىتورىيە ۋە مىللىي مەسىلە بارلىقى ۋە كېيىنمۇ مەسىلە چىقىش ئېھتىمالى مەۋكۇتلۇقى تىلغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، كىتابتا يەنە «شەرقى تۈركىستان» دېگەن ناممۇ تىلغا ئېلىنغان.

نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى. ئەمما دائىرىلەردىكى بۇ گۇماننىڭ ئۇ تەرجىمە قىلغان «چوڭ شاھمات تاختىسى» ناملىق كىتاب ياكى ئۆزى يازغان شېئىر ۋە ماقالىلەر سەۋەبلىك ئىكەنلىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننى تونۇيدىغان ۋە مەزكۇر كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىققان بىر ئوقۇرمەننىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر كىتابتا خىتاي دۇچ كېلىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. خىتاينىڭ بۇ خىل مەزمۇنلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر تېپىشىنى خالىمايدىغانلىقى راست، ئەمما نۇرمەمەت ئۇچقۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب بۇ كىتاب ئەمەس. نۇرمەمەتنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىنى ئومۇمىي ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە، يەنى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بۇ ئوقۇرمەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىتاب يازغانلارنىڭلا ئەمەس، كىتاب ئوقۇپ كەتمەيدىغانلارنىڭمۇ يەنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ تۇتقۇندا ۋە كۆپ ساندا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكادىكى NASA نىڭ ئوپتىكا مۇتەخەسسىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ نۇرمەمەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ تۇتۇلۇشىدا ئۇ يازغان كىتابتىن بەكرەك ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مىللەتنى يېتەكلەش ساپاسىغا ئىگە بولغان زىيالىيلىق سۈپىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.