بىر قىسىم سۈرەتلىك ئارخىپلاردىن، ئۇيغۇر دىيارىدا بىناكارلىق ۋە بېزەكچىلىك كەسپىدە مۇستەقىل ھالدا كەسىپلەشكەن بەدىئىي لايىھىلەش ۋە زىننەتلەش كەسپىي خادىملىرىغا ئىگە مۇنتىزىم شىركەت ھەم زاۋۇتلارنى بەرپا قىلغان «شاخساراي قۇرۇلۇش ۋە بېزەكچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى» دىرېكتورى رەخمەتتاي ئابدۇرېشىت ئۆز كەسپىدە زور نەتىجە قازانغان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئۇسلۇبى بىلەن غەربچە مېمارچىلىق سەنئىتىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر مېمارچىلىق سەنئىتى بىلەن ئىسلامى ئالاھىدىلىكلەر جىپسىلاشقان بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل ھەمكارلاشقان، 4 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مېمار سەنئەت ئۇستىسى ماخمۇتجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەسلى تۇرپان مەسچىتى ئورنىغا كېڭەيتىپ قايتا سېلىنغان كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك چوڭ بازا مەسچىتنىڭ ئىچى ۋە تاشقى قۇرۇلۇش لايىھىسىنى ۋە بېزەكلىرىنى رەخمەتتاي ئىشلىگەن. رەخمەتتاي، مېھراب، ئېتىكاپ، ئىشىك بېشى، دەرۋازا، گۈمبەز، تۈۋرۈك قاتارلىقلارغا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى، مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى، ھېيتگاھ جامەسى قاتارلىق ئۇيغۇر قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان نۇسخىلار ۋە ئاي يۇلتۇز نۇسخىلىرىدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزۈم ۋە ئانار گۈل نۇسخىلىرىنى، يۈز ئويما، قاپارتما ئويما نەقىشلەرنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلىگەنىكەن. ئۇنىڭ بۇ لايىھىگە قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ھەتتا ئۇ لايىەىلىگەن مەسچىت چىراغلىرىدىنمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، چىراغنىڭ گىرۋەكلىرىگە «ئاللاھ» دېگەن سۆز نەپس ئەرەبچە ھەرپلەر بىلەن قوندۇرۇلغانىكەن.
گەرچە ئۆز ۋاقتىدا بۇ خىل مەسچىت قۇرۇلۇش لايىھىسى دائىرىلەرنىڭ تەستىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا رەخمەتتاينىڭ بەزى لايىھەلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش ھادىسىلىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.
ماخمۇتجاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق مەسچىتلەردىن نوغاي مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا 2013-يىلى ئاۋۋال رەخمەتتاي لايىھەلىگەن نۇسخىسى جامائەتكە كۆرسىتىلىپ زور قوللاش ۋە قايىللىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن جامائەتتىن ۋە ساخاۋەتچىلەردىن زور مەبلەغ يىغىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا دائىرىلەر بۇ لايىھىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسچىتلەرگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، بۇنى تەستىقتىن ئۆتكۈزمىگەن.
ماخمۇتجاننىڭ باشقا شاگىرتلاردىن ئاڭلىشىچە، رەخمەتتاي ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ ئەسلىدىكى تەۋەلىكى بويىچە ئۈرۈمچىدىن غۇلجاغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رەخمەتتاينىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا دائىرىلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. رەخمەتتاينىڭ ئەسلى تەۋەلىك نوپۇسى بولغان غۇلجا شەھەر ئۈچ دەرۋازا مەھەللە كومىتېتىدىن بىر ئايال كادىر تېلېفوننى ئالغان بولسىمۇ رەخمەتتاينىڭ قايسى ئورۇندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا قوپاللىق بىلەن «بىز بىلمەيمىز» دېگەندىن باشقا جاۋاب بەرمىدى.
تۈركىيەدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، رەخمەتتاينىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى رەخمەتتاينىڭ لايىھىلىرىنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان بىناكارلىق سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر دەپ كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، رەخمەتتاينىڭ تەقدىرىنىڭ خۇددى باشقا ھەر تۈرلۈك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەقىبگە ئۇچرىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىدىن ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىناكارلىق، بېزەكچىلىك كەسپىدە ۋە ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەتلىرىدە باشقىلارغا ئۆرنەك بولۇۋاتقان رەخمەتتاينىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇستازى رەخمەتتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئېنىق مەلۇمات ئالالماي چوڭقۇر ئەندىشىدە قالغان تۈركىيەدىكى ماخمۇتجان، ئۆزىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ئەجىر سىڭدۈرگەن ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىلىۋاتقان ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇچۇرلاردىن كۆرگەندىكى ئازابىنى تەسۋىرلەپ «ئۇيغۇرلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى گەۋدىلەنگەن ھەر بىر ئىمارەت، ھەر بىر نەقىش-بېزەكلەر چېقىپ، سۆكۈلگەندە خۇددى ئۆزۈم پارچىلانغاندەك بولىمەن، رەخمەتتاي ئۇستازىمىز قانداق چىدايدۇ؟» دەيدۇ.
مەمەتجاننىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشۇۋاتقان رەخمەتتايدەك كىشىلەرنىڭ تەقىبگە ئۇچرىشىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەنگەن بىناكارلىق بېزەكچىلىك ئالامەتلىرىنى سۆكۈپ تاشلاپ بۇزغۇنچىلىق قىلالىسىمۇ، ھېچ زامان ئۇيغۇر مېمارچىلىق سەنئىتىنى خىتايلاشتۇرالمايدىكەن.
ئۇ كەسپىي نۇقتىدىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ياۋروپا ئۇسلۇبلىرى بىلەن جىپسىلاشسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەنئەنىۋى مېمارچىلىقى بىلەن ھېچقاچان بىرلىشەلمەيدۇ، قەدىمدىن تارتىپ جىپسىلىشالمىغان. ھەتتا خىتاي لايىھەلىگۈچىلەرمۇ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ بىناكارلىق بېزەكچىلىك ئۇسلۇبىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا غەرب بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەس. شۇڭا مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكى دەل ئۇنىڭ خىتايدىن پەرقلىنىدىغانلىقى ۋە يارقىن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانلىقىدا.»
0:00 / 0:00