غۇلجا شەھەر 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئاز دېگەندە 7 ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

بىز ئالدىنقى كۈنى غۇلجا شەھەر 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىقتىدارلىق مۇدىرى دىلمۇرات ئابدۇرېھىمنىڭ غۇلجا شەھەرلىك قاماقخانىدا بىر يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، دىلمۇرات ئىلگىرى خىزمەت قىلغان 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئون نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئىسىملىرىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر مەكتەپتىن ئاز دېگەندە 7 ئوقۇتقۇچىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، غۇلجا شەھەر 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 4000 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىسى ۋە 200 ئىشچى-خىزمەتچىسى بار ئىكەن. بۇ مەكتەپتە 2010-يىلدىن باشلاپ قوش تىللىق ئوقۇتۇشمۇ يولغا قويۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى 10 قوش تىللىق سىنىپ، 10 خىتايچە سىنىپ قوبۇل قىلغان. مەكتەپتە ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى تەڭگە-تەڭ توغرا كەلگەن.

غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئالدىنقى كۈنى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئەنە شۇ 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىن نۆۋەتتە 10 نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ۋە بۇلاردىن ئابدۇرېھىم، نىغمەت، شۆھرەت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى مەلۇم قىلدى. بىز بۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، غۇلجا شەھىرىدىكى مائارىپ تارماقلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، بۇ مەكتەپتىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ پەقەت بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنىڭ مەكتەپ كادىرلار بۆلۈمىدە بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ مەلۇماتىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نىغمەت ۋە شۆھرەت ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتىمۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مەزكۇر مەكتەپنىڭ كادىرلار بۆلۈمى خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ مەكتەپكە يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۇتقۇندىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئۇمۇ بۇ مەكتەپتىن بىرتۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. مەكتەپنىڭ بايىقى نۆۋەتچى خادىمى، بۇ مەكتەپتىن تۇتۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانچە يىلدىن قانچە يىلغا قەدەر كېسىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دەسلەپتە بۇلارنىڭ ياشتا چوڭ ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئارقىدىن بۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، جاۋاب بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە بەلگىلىك ساندا قازاق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار بولۇپ، مەكتەپنىڭ قوغداش خادىمى، بۇ مەكتەپتىن تۇتۇلغانلار ئارىسىدا قەمەر، نۇرجان ۋە ئەۋزەل قاتارلىق قازاق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر مەزگىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىز يەنە مەزكۇر مەكتەپ جايلاشقان تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىلارغىمۇ تېلېفون قىلىپ، بۇ مەكتەپتىن قانچىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئاپىرىلغانلىقىنى سورىدۇق. ساقچى خادىمى، 20-30 چە ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەشكە ئاپارغانلىقى ۋە بۇلاردىن 7-8 چە كىشىنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە كېسىلىپ بولغانلاردىن بىرىنىڭ ئىلشات، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى نىغمەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. توردىكى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 8-ئوتتۇرا مەكتەپ، 1934-يىلى قۇرۇلغان تارىخىي بىر مەكتەپ بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللاردا، ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرى ئىكەن. 1940-يىللاردا بۇ مەكتەپ «گىمنازىيە» دەپ ئاتالغان، 1949-يىلىدىن كېيىن «ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى بىلىم يۇرتى» دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان. 1966-يىلى 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەنىكەن.

يۇقىرىدا غۇلجا 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئاز دېگەندە 7 ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.