ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە رىشات ئابباس ئەپەندىلەر 16-مارت كۈنى مەركىزى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياپونىيە نورۇز ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان.
مەزكۇر يىغىندا ئەركىن سىدىق، رىشات ئابباس ۋە باشقا 10 ئەتراپىدا زىيالىي ئىلمىي دوكلات بەرگەن. يىغىندا دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھازىر يوقاتماقچى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا، دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بولسا «ئامېرىكا خىتاينىڭ ھازىرقى بېسىم سىياسىتىگە قارىتا نېمىلەرنى قىلماقتا» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن. تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارغا لېكسىيە سۆزلەپلا قالماستىن ياپونلارغىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىزغا بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.
دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىلەر 16-مارت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ياپونلارغىمۇ دوكلات بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
پائالىيەت توكيودىكى بىر مۇزېينىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇزېينىڭ مۇدىرى سۆزلىگەن سۆزىدە ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنىڭ ئىنسانىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى ئۇيغۇر زىيالىيسىنى ياپونىيە نورۇز ئاكادېمىيەسىنىڭ تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ياپونىيەدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش، خەلقئارا جامائەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە ئۆزئارا بىرلىك-باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى،
دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىلەر 15-مارت كۈنى ياپونىيەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار 21-چېسلا توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ نورۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن، 23-مارت كۈنى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى توكيودىكى تۈركىيە سېلىپ بەرگەن چوڭ مەسچىتتە دوكلات بېرىدىكەن. ئۇ، بۇ ھەقتىمۇ توختالدى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن مەمەت توختى ئەپەندىلەر ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان شەھەرلىرىدە كۆپ قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00