بۇرتون قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا كۆز يۇمۇشى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى «قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىلى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەشكە، ھەتتا قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنىڭ بۇ رايوندا ئىجاد قىلىنغانلىقىنى ھېكايە قىلىشقا باشلىغانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە ھۆكۈمەتنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 157 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ، رايوننى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قار تېيىلغۇچىلارنىڭ قار تېيىلىش مەنزىلى قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرى ياساش ۋە سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Burton Snowboards يەنى بۇرتون قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى خىتايدىكى مانا بۇ بازاردىن پايدا ئېلىشنى كۆزلەۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا خىتايدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتىكەن. ئەڭ مۇھىمى بۇ شىركەتنىڭ ئالتايدا ئاللىقاچان دۇكىنى بار ئىكەن.

بۇرتون شىركىتىنىڭ خىتايدىكى تارماق شىركىتىنىڭ خوجايىنى كرەيگ سىمىت يېقىندا BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، بۇ بازاردىن قۇرۇق قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بايان قىلغان.

ئۇ، ب ب س مۇخبىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان جايدا سودىڭىزنى كېڭەيتىش پىلانلىرىڭىز رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە توغرا كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئالىغا «بىزنىڭ ئىككى خىل تاللىشىمىز بار. بىرى بىز شىنجاڭدىن چەك-چىگرىنى پۈتۈنلەي ئايرىشىمىز ۋە ياق بىز بۇ يەردە ھېچقانداق ئىش قىلمايمىز دېيىشىمىز كېرەك. ياكى ئۇ يەردە شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن.

كرەيگ سىمىت يەنە قوشۇمچە قىلىپ؛ «شۇنداق، بەزى ئىشلار بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە مەن ياخشى بىلمەيمەن. مەن سىياسەتچى ئەمەس. مەن ئەزەلدىن ۋەقەنىڭ بۇ تەرەپلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقمىغان» دەپ گەپ يورغلاتقان. ئەمما ئۇ يەنە مۇخبىرنىڭ «لېكىن سىز چوقۇم خەۋەرلەردە، تېلېۋىزورلاردا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆردىڭىزغۇ دەيمەن» دەپ چوڭقۇرلاپ سورىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكلەردىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق ئۇ: «مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مەن بۇنى ئۆزگەرتەلمەيمەن، دېگەندىن ئىبارەت» دەپ تەكىتلىگەن.

كرەيگ سىمىتنىڭ ب ب س بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبىتى تارقىتىلغاندىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدىن قارىغاندا، خىتاي قىشلىق تەنتەربىيە مەركىزى قىلىمىز، دەپ جار سېلىۋاتقان ئالتاي رايونىنىڭ ئۆزىدىلا 12 لاگېر مەۋجۇت بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇرتون شىركىتىنىڭ پايدا-مەنپەئەت ئالدىدا زۇلۇمغا كۆز يۇمۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇلار بۇرتون شىركىتىگە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

مەزكۇر ئىمزا ھەرىكىتىنى ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇتۇش ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكادىكى يىپەك يولى تىنچلىق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى قۇرغۇچىسى نېيتىن دۇدلېس، خەلقئارا تىنچلىق كاتالىزاتورى دىرېكتورى بىل كلارك، جۇلى كلارك، ئۇيغۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن خرىستىئان ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدىن برۇس گارنېر قاتارلىقلار باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىمزالىق خەتكە ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋە ھەر ساھەدىن بولۇپ كۆپلىگەن كىشى قول قويغان.

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇرتون شىركىتىنىڭ خىتايدىكى دىرېكتورى كرەيگ سىمىتنىڭ مەنپەئەتنى دەپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بۇ زۇلۇمغا كۆز يۇمۇشى بىزنى قاتتىق چۆچۈتتى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنى قاتتىق چۆچۈتكىنى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مەنپەئەتنى دەپ ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلارغا قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىشى بولدى. ئەگەر سىز بۇرتون شىركىتىنىڭ تور بېتىگە كىرسىڭىز ئۇلار ياقىلايدىغان قىممەت قاراشلار توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرىسىز، ئەمما تور بەتتە دېيىلگەنلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇخبىرغا دېگەن سۆزلىرى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىت. كرەيگ سىمىت بۇ يەردە ھەقىقەتنى پۈتۈنلەي رەت قىلدى ۋە خىتاي بازىرىدىن تولۇق پايدا ئېلىشنى كۆزلىدى».

بۇرتون شىركىتى ئامېرىكانىڭ ۋېرمونت شتاتى بۇرلىڭتون شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىر شىركەت بولۇپ، شىركەتنىڭ باشلىقى جون لېسىيگە خىتابەن يېزىلغان ئوچۇق خەتتە تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن:

«تور بېتىڭلاردا ‹بىز چوقۇم خەلقىمىز، يەرشارى ۋە تەنتەربىيەمىزگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز مەھسۇلاتلىرىمىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەمىنلەپ، ئادالەت، باراۋەرلىك، كۆپ خىللىق ۋە ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە ئىشىنىمىز. … دۇنياغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش بىزنىڭ نىشانىمىز…› دېيىلگەن. لېكىن سىلەر مۇشۇ دېگەنلىرىڭلارغا زادى قانچىلىك ئىشىنىسىلەر؟ ئەگەر تور بېتىڭلاردىكى بۇ سۆزلەر پەقەت رەسمىيەتكە يېزىپ قويۇلغان بولسا، ئۇ ھالدا سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار ئەمەلىيىتىڭلارنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا».

مەزكۇر ئىمزالىق خەتتە يەنە، خىتاينىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئىقتىسادىي رولىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىنىڭمۇ زورىيىۋاتقانلىقى، ئەگەر ئامېرىكادىكى سودا ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە سۈكۈت قىلغان تەقدىردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن باشقا جايلاردىمۇ كۆرۈش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

نېيتىن دۇدلېس ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنداق تەسىر كۈچىگە ئىگە شىركەتلەرنىڭ چوقۇم خىتايدىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ئورنىغا بۇنى ئۆزگەرتىدىغان يول تېپىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ شىركەتلەر ھەقىقەتكە يۈزلىنىشى كېرەك. ئۇلار ھازىر قارىغۇ ياكى گاس بولۇۋېلىش ئويۇنى ئويناۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ ئويۇننىڭ ئۇزۇن داۋام قىلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېـتىشى كېرەك. بىزدە ‹سۈكۈتنىڭ ئۆزى زۇلۇم› دەيدىغان گەپ بار. سۈكۈت قىلىش سىزگە كېلەچەكتە تېخىمۇ ئېغىر زىيان سالىدۇ. بۇ شىركەتلەر تېخىمۇ ئەقلىنى، تىجارەت تەجرىبىلىرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ خىتايدىن ئالىدىغان پايدىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان باشقا ئاماللارنى تېپىشى لازىم بۇندىن باشقا يەنە بىز بۇ شىركەتلەرگە بېسىم پەيدا قىلىش ئۈچۈن كەڭ ئىستىمالچى ئاممىنى ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە رايوندا تىجارەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا كۆرسەتمە تارقاتقان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ بازاردىكى مەنپەئەتتىن ۋاز كەچكۈسى كەلمەي، زۇلۇمنى كۆرمەسكە سېلىشى قاتتىق مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى. نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى سىياسەتچىلەرمۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ خىتايغا تىز پۈكۈشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى كۆپلەپ تىلغا ئالماقتا. ئەنگلىيە نىۋكەسىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور جو سىمىت فىنلىي خانىم تىۋىتتېردا بۇ ھەقتە بۇرتون شىركىتىنىڭ ۋەقەسى ھەققىدە يازغان ئىنكاسىدا بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە شۇنداقلا «مەيلى شىركەت ياكى شەخس بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئاشكارا ھالدا قارشى تۇرۇش، زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت تاللىشىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بار» دېگەن.