د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىگە بېرىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملارنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
8-ماي دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇنتا كانا شەھىرىدە «2023-يىللىق قۇللۇق مۇنبىرىدىن ئەركىنلىك مۇنبىرىگىچە» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا دۇنيادىكى 50 مىليونغا يېقىن ئىنساننىڭ زامانىۋى قۇللۇققا تۇتۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 28 مىليون ئىنساننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، بۇ قۇللۇققا دەرھال خاتىمە بېرىشنىڭ 21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئاساسلىق تېما قىلىنغان.
مەزكۇر يىغىنغا مەركىزى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھاملار ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان. روشەن ئابباس خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئەر، ئايال، قېرى، ياش بولۇپ، قانچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دىققەت قوزغىغان.

8-ماي كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا «ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، ۋولكىسۋاگېن مىسالى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىننى د ئۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىگە چېتىلىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى قانداق يوشۇرۇۋاتقانلىقى، ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاش چەتئەل ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قانداق چېتىلىۋاتقانلىقى، ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان ماشىنا زاپچاسلىرىغا كېرەكلىك خام ئەشيالارنىڭ ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
8-ماي ب د ت ئاياللارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ 85-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە باشلانغان. يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتايدىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش» بولۇپ، بۇ يىغىندىن ئىلگىرى ب د ت دا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا بەزى يىغىنلار بولۇپ ئۆتكەن. 8-ماي ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش يىغىنىدا كۆپلىگەن تەشكىلاتلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن.

د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ۋە ئاياللارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي بالا چۈرۈش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.