«زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» دا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر كىرىزىسى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-10-21
Share
كورلادا لاگېرغا تىزىملىتىشنى رەت قىلغان ئەركىن سۇلايماننىڭ ساقچىخانىدىن جەسىتى چىققان خىتاي ساقچىلىرى داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ سىرتقى كىرىش ئېغىزىدا پوستا تۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 3-نومۇرلۇق تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ بولۇپ، ۋاتىكان شەھىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق دۇنيا جامائىتىگە مەلۇم بولغاندىن باشلاپلا بۇنىڭ جاۋابكارلىرىنى سوراققا تارتىش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ زور ھوقۇقدار چېن چۇەنگو يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنىڭ مەركىزى بولدى. كېيىنچە يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق زور ۋەقەنى چېن چۇەنگونىڭ ئ‍ۆز ئالدىغا ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا يوليورۇق بېرىۋاتقان ھەمدە ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان كىشىنىڭ بىر قىسىم چەت ئەل ئاخباراتلىرى «خىتاينىڭ يېڭى ئىمپېراتورى» دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

19-ئۆكتەبىر كۈنى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى ئېلان قىلغان «زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» سەرلەۋھىلىك زور ھەجىملىك دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچى ۋە خوتەنگىچە بولغان دائىرىگە يېيىلغان غايەت زور ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئورتاق خىزمەت سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ھادىسە ئىكەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىندى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ۋىكى شيۇ، دارىيا ئىمپىيومباتو، پروفېسسور جېيمىس لېيبولد قاتارلىق ئۈچ كىشى كوللېكتىپ يېزىپ چىققان مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇشتىن باشلانغان قىرغىنچىلىقنى مەركىزىي ھۆكۈمەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر «مۇقىملىق» نامىدا زىچ ھەمكارلاشقان ئاساستا ئىشقا ئاشۇرغان. يۇقۇرىسى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، ئالىي سوت، دۆلەت كابېنىتى (گوۋۇيۇەن) تۆۋەندە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، بىڭتۇەن سىستېمىسى، يەرلىك مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئورگانلار بىردەك ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇ خىزمەتنى ئۆزلىرىنىڭ «سىياسىي ۋەزىپىسى» قاتارىدا ئىجرا قىلغان. ئەقەللىسى خوتەننىڭ ئەڭ چەت يېزىلىرىدىكى ساقچىخانىلار ۋە ياردەمچى ساقچىلارمۇ پۈتۈن كۈچىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلغان. ئەنە شۇ يوسۇندا «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «قايتا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» ھەركىتى پۈتكۈل رايون مىقياسىدا ئەۋج ئالغان ئومۇمىي خەلق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇلغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرقانداق ھەربىي، مەمۇرىي، پارتىيە ۋە باشقا ئىدارە ياكى جەمئىيەتلەر، شۇنىڭدەك ھەرقانداق ھۆكۈمەت كادىرى ئۇلارنىڭ قانداق دەرىجىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر «مۇقىملىق» نامىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشقان. چۈنكى بۇ زور قىرغىنچىلىقنىڭ تەشۋىقات، لاگېر، «تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار» نامىدىكى نازارەتچىلەر، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە ئاتاپ لايىھىلەنگەن قانۇن-نىزاملار، ئۈرۈمچىدىن خوتەننىڭ ئەڭ خىلۋەت يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئورۇنلاشقان «سىياسىي ۋەزىيەتكە مەسئۇل» كادىرلار دېگەندەك ھالقىلىرى ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلىنىپ، بىر مۇكەممەل سىستېما ھاسىل قىلغان.

دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر تېما ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنئالا پىلانلانغان بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك سىياسىي ھەركەت ئىكەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتورلار ئۆزلىرى توپلىغان يازما ھۆججەتلەر ئاساسىدا بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ لايىھەلىنىشى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئ‍ۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن رەسمىي باشلانغانلىقىنى، ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇشى بېكىتىلگەنلىكىنى، 2014-يىلى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىزمەت تەكشۈرۈشىگە كەلگەندە ئېنىق قىلىپ «تېرورچى كۈچلەرنى كوچىدا ئۇر-ئۇرغا قالغان چاشقاننىڭ ھالىغا چۈشۈرۈش كېرەك» دەپ بۇ ھەقتە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، 2016-يىلى ئاۋغۇستتا بولسا چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتىن يۆتكەپ كېلىنىپ بۇ زور قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشقا قويۇلغانلىقى، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن مىليونلارچە كىشىنىڭ «تېرورلۇق»، «ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىشەنچسىزلىك» قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى تۈرمە شەكلىدە قۇرۇلغان لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، ئەنە شۇ لاگېرلاردا دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەر ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» دەپ بېكىتكەن ھادىسىلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەڭ ئەقەللىي ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئىكەنلىكىمۇ جانلىق مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار قولغا چۈشۈرگەن بىر دېلو ماتېرىيالىدا ئانايەت ئابلىز ئىسىملىك 19 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ھەرخىل كومپيۇتېر ھۆججەتلىرى ۋە ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى تورسىز مۇھىتتا ھەمبەھىرلەشكە ئىشلىتىلىدىغان Zapya ناملىق ئەپنى تېلېفونىغا چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن «قانۇنسىز ئەپنى ئورناتقان ۋە VPN نى ئىشلەتكەن» دېگەن ئەيىب بىلەن ئۈچ يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ھەرىكەتتە بەرپا قىلىنغان يەنە بىر مېخانىزىم پۈتكۈل جەمئىيەت خىتاينىڭ فېودالىزىم دەۋرى، جۈملىدىن مىڭ ۋە چىڭ خاندانلىقلىرى دەۋرىدىكى ھەر ئون ئائىلىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ چېتىپ قويۇش، گۇرۇپپا باشلىقى بۇ ئائىلىلەرگە نازارەتچى بولۇش، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتلىمىغا يېيىلغان ئاھالىلار كومىتېتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەر بىر گۇمانلىق ئائىلىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە «بىر تال يىڭنە يەرگە چۈشسە ساقچىلار شۇ ھامان خەۋەردار بولىدىغان» ۋەزىيەت ھاسىل بولغان.

دوكلاتنىڭ خۇلاسە قىسمىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىقاچان مۇنتىزىم سىستېما ئالغان نازارەت، كونتروللۇق، جازا ۋە ئۆزگەرتىپ تەربيەلەش باسقۇچلىرىنىڭ تولۇق سىناقتىن ئۆتكەن تەدبىرلەر قاتارىدا نىڭشىيا، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقى، بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق بولغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» سەرلەۋھىلىك دوكلاتقا ئوخشاشلا زور تەسىر قوزغىدى. ھەرقايسى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن بۇ دوكلات ھەققىدە ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي رېئاللىقنى ھەقىقى يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرگەن پاكىتلىق ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. «خىتايغا قارىتا خەلقئارا پارلامېنتلار ئىتتىپاقى» (IPAC) بۇ دوكلاتنى قىزغىن ئالقىشلاش بىلەن بىرگە «ھەرقايسى سىياسىيونلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنى مۇشۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەندەك زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا چاقىرىمىز،» دېدى.

شۇ قاتاردا ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئ‍ەپەندى بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەمدە ئاخىرقى خۇلاسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىقنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئالاھىدە يەر ئالغان بىر نۇقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىشتا ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە مەمۇرىي بىرلىكلەرنىڭ «ئاۋانگارتلىق» رولىنى ئويناۋاتقانلىقى، ئەمما بۇلارنى تەشكىل قىلغۇچى مەمۇرىي سىستېمىدىكى بارلىق بىرىنچى قول پارتىيە سېكرېتارلىرىنىڭ مۇتلەق خىتايلاردىن بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي مۇئاۋىن ئورۇندا بولىدىغانلىقى، ھەتتا تۇنجى بولۇپ «كومپارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش» ھەققىدىكى ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭمۇ ئاۋات ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پارتىيە سېكرېتارى بولۇشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىگەنلىكىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ھەققىدە بىر چوڭ سۇئال قويىدۇ. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان بۇ ئەندىزىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان ‹ئىشەنچلىك› دەپ قارالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ دوكلات ھەققىدىكى ئوبزور ماقالىلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت