يېقىندا خەلقئارانىڭ دىققىتىگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارا بولۇشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. مۇشۇ ھۆججەتلەر ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرغا قارىتا نازارەت ۋە مېڭە يۇيۇشتا قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلالىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن 18-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى.
خۇدسون مەركىزىنىڭ خادىملىرىدىن نىنا شې خانىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقانلىرى زامانىمىزدىكى شۇنداقلا كۈنىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زىيانكەشلىكى بولۇپ قالماقتا،» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ توغرىسىدا تەپسىلىيرەك سۆز قىلىشقا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەكنى تەكلىپ قىلدى.
سام بروۋنبەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىگە كېڭىيىۋاتقان زىيانكەشلىك ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل خەلقئاراغا خاتا ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ھەرقانداق دىنىي خاسلىققا ئىگە پائالىيەتلەرنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى جانلىق مىساللار بىلەن بايان قىلىپ بەردى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرغا قامىلىشى، بۇ جايدا ئۇلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىشى، دىنىي مۇقەددەس كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يوقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي ئىزچىل دىنىي ئېتىقادقا جەڭ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. شۈبھىسىزكى، خىتاي بۇ جەڭدە غەلىبە قىلالمايدۇ» دېدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن قانداق ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتاي بىز تېررورلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمىز دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى يالغۇز ئېتىقادقا قارشى جەڭلا ئەمەس، يەنە ھەقىقەتكە ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە قارشى جەڭدۇر،» دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر سەھنىدىن ئورۇن ئالدى. يىغىن رىياسەتچىسى ئېرىك بروۋن ئالدى بىلەن مەلۇمات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىللار بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدىغان ھەمدە يىللاردىن بۇيان «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا ئېزىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ چېن چۇەنگو بۇ جايغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان بۇ جاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان ۋە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم داۋام قىلىۋاتقان ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
مۇتەخەسسىسلەردىن «ئاكسيوس» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بېسانىي ئىبراھىميان ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ يېقىندا دۇنياغا مەلۇم بولغان لاگېرلار ھەققىدىكى بىر قىسىم ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم توغرىسىدا ئەڭ جانلىق ئىسپات بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنىڭ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان بۇيرۇق بويىچە ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ ھۆججەتلەردىن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› دەپ ئاتاۋاتقان جايلار ھەققىدە قانداق يالغانلارنى توقۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ تۇتقۇنلارنىڭ ‹قېچىپ كېتىشىگە ھەمدە بىنورمال شەكىلدە ئۆلۈۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق› دېگەن قۇرلاردىن بۇ جايلارغا قامالغانلارنىڭ ھېچقاچان ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلمىگەنلىكىنى، بۇ جايلارنىڭ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تۈرمىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز،» دەپ كۆرسەتتى.
«كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خادىمى، دوكتور ئادريان زېنز ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە زور تۇتقۇن ئارقىلىق مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ بولغانلىقىنى، ئىككىنچى قەدەمدە لاگېرغا مەھكۇم بولغان بۇ ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا ئۇلارنىڭ سىياسىي قارىشىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈكچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى مەلۇم بولۇۋاتقان ئۈچىنچى قەدەمدە «ئوقۇش پۈتتۈردى» دېيىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ لاگېرلاردىن ھېچقانچە پەرق قىلمايدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ سۆزىدە يېقىندا ئاشكارا بولغان مەخپىي ھۆججەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىن لاگېرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋالنىڭ قايسى دەرىجىدە ۋە كۆلەمدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى، تېخىمۇ مۇھىمى خىتايلاردىن ھەرقايسى جەھەتلەردە پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنى «يامان كىشىلەر» ۋە «كومپارتىيەگە سادىق ئەمەس» دەپ قارايدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «بۇلارنى تەربىيەلەش لازىم» دەيدىغان ئاخىرقى مەقسىتىگە نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاللىقاچان قىرغىنچىلىق باسقۇچىغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەمدى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش بارمىقىمىزنى چىشلەپ قالىدىغان ئىشلار قايتا يۈز بەرمەسلىكى لازىم. چۈنكى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالامەتلىرى ئاشكارا زاھىر بولۇۋاتىدۇ. بىز بولساق بۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرماقتىمىز،» دېدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى. بولۇپمۇ پاكىتلار شۇنچە ئېنىق دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقاندا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدە كەسكىن بىر ھەرىكەتتە بولماسلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى جەڭ» نامىدا ئۇيغۇرلارنى «ئىسلام تېررورلۇقى» نىڭ قۇربانى قىلىۋەتكەنلىكى، يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە تايىنىپ دۇنيانى سېتىۋېلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى جايلاردىكى ئاۋامنىڭ بۇ ئىشلاردىن يېتەرلىك خەۋەردار بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسەتتى.
يىغىن ئاخىرىدا بىز دوكتور ئادريان زېنزدىن «نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتۈشكە بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئىنكاس نېمە بولۇشى مۇمكىن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭدا ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرىي تۈركەلمۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرچە بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ھەر ساھەدىن كەلگەن يىغىن ئەھلىنىڭ يىغىن زالىغا پاتماي قېلىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كىشىلەر تولىمۇ قىزىقىدىغان بىر تېمىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى.
0:00 / 0:00