ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ نازارىتى ئىنتېرنېتتە 16 خىل تېمىدا مۇھاكىمە قىلىشنى چەكلىگەن

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئىنتېرنېتتە 16 خىل تېمىدا مۇھاكىمە قىلىشنى چەكلىگەن.

بەلگىلىمىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلماسلىق كۆرسىتىلگەن. ئىككىنچى ماددىسىدا بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە پايدىسىز تېمىدا، جۈملىدىن، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك سەۋىيىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزمەسلىك تەكىتلەنگەن.

بەلگىلىمىدە چەكلەنگەن قالغان تېمىلار بولسا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيىسى، سەزگۈر بولغان تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخىسلەر؛ جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە ئالاقىدار خەۋەرلەر، نازۇك خەلقئارا مەسىلىلەر، سەزگۈر دىنىي تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەلگىلىمىدە يەنە،ئۇيغۇر رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز تېمىلاردا، مۇنازىرە قوزغايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلماسلىق ئەسكەرتىلگەن. بەلگىلىمىدە يەنە، يۇقىرىقىدەك چەكلەنگەن تېمىلارنىڭ سىمۋوللۇق ۋاستىلار بىلەن ياكى ئىككى بىسلىق شەكىل بىلەن ۋە ياكى تەنە - ھەجۋىي يول بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ خەۋەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن تەييارلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر ئېلان قىلىۋاتقان ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىنىڭ تۈنۈگۈندىن باشلاپ 25 ‏ - ئاۋغۇستقىچە تاقالغانلىقى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.