خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 20‏- ئاپرىل ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندا، 1998‏- يىلى 20‏- ئاپرىل كۈنى يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن مىللىي مۇستەقىلچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى تۇنجى قېتىم ئاشكارە ئېلان قىلىنغان.

"شىنجاڭ پايتەخت گېزىتى" ۋە خىتاي خەۋەر تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا، 20‏- ئاپرىل ۋەقەسىنىڭ ئالدى-ئارقا كۆرۈنۈشى تەپسىلىي تەسۋىرلىنىپ، بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرەش تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋەقە دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇنىڭدا 1997‏- يىلى 12‏- ئايدىن باشلاپ قولغا چۈشۈرگەن يىپ ئۇچىلىرىغا ئاساسەن، 1998‏- يىلى 4‏-ئاينىڭ 20‏- كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىياريۈزى يېزىسىدىكى تىيىپجاننىڭ ئۆيىگە ئىككى ئەترەت خىتاي ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇپ كىرگەنلىكى، تىيىپجان ۋە ھامماد ئەمەت ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ساقچىلار بىلەن ئاخىرىغىچە قوراللىق توقۇنۇشۇپ بىر خىتاي ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك جەريانلىرى تەپسىلىي يېزىلغان.

ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى گەرچە بۇ ۋەقەنى چوڭ بىر قېتىملىق قورال يۆتكەش ۋەقەسىنى پاش قىلغانلىقى ھەققىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەقە جەريانىنى بۇنداق تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن ئىدى. (پەرىدە)