ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈركېنىدا ۋەقە يۈز بەردى


2005.10.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باي ناھىيىسى ياتۇر يېزىسىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى. ئىگىلىشىمىزچە، كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلارنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەسكەن.

ۋەقە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:45 لاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 25 ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىشچىلاردىن 11 كىشى كان سىرتىغا قېچىپ چىقىۋالغان، بۇ جەرياندا ئىككى ئىشچى يارىلانغان.

ۋەقە ياتۇر كۆمۈر كېنىنىڭ 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقىدا كېلىپ چىققان. بۇ ۋەقە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، يېقىندا ئالاقىدار دائىرىلەرگە كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىسىدىكى بىر كېنىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە 80 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوڭگو كۆمۈر كان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يىجوڭ، ياتۇردىكى ۋەقە يۈز بەرگەن كاننىڭ ئىگىلىرى ۋە جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنى كونترول قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.