بۈگۈن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئۇيغۇر ھاجى بولدى
2007.12.19
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەككە مەدىنىدە ھەج پائالىيىتىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 2700 ئادەم ھاجى بولدى.
چەت' ئەللەردە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن 19 - دېكابىر كۈنى قۇربان ھېيت نامىزى ئۆتەپ ھېيت قىلدى. يەنە بىر قىسمى ئەتە 20 - دېكابىر كۈنى قۇربان ھېيت نامىزى ئۆتەپ ھېيت قىلىدۇ.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەخسىي پاسپورت بىلەن ئەركىن ھالدا ھەج قىلغىلى بارالىغان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھالدا ھەج قىلىشىنى چەكلەپ، ھەج قىلىدىغان كىشىلەرنى ھۆكۈمەت ئۆزى تەشكىللەپ ئېلىپ باردى.
ئۇلار ھەج پائالىيىتىدە كوممۇنىست خىتاي بەلگىلىگەن قاتتىق چەكلىمە ئىچىدە قېلىپ، باشقا دۆلەتلەردە داۋام قىلىۋاتقان پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەقەللىي ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمان بولالمىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، مۇبارەك روزا ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولغاي !
- ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنماقتا
- خىتاي ھەج پائالىيىتىگە قاراتقان باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى قۇربان ھېيت ۋە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى
- مۇسۇلمانلار يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ھەج پائالىيىتىنى بۈگۈن باشلىدى
- قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاھالىلەرنىڭ پاسپورتىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان
- خىتايدىن يولغا چىققان ھەج كاندىداتلىرى تۇنجى ئايرۇپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ باردى
- 9600 نەپەر مۇسۇلمان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا ھەجىگە ئەۋەتىلمەكچى
- خىتاي نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشكە قوشۇلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىرىنى چەكلىدى