ئۆتكەن ھەپتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ب د ت نىڭ 26-نۆۋەتلىك يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن سۆز قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئۆز سۆزىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان لاگېرلارغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەك، تۇغۇت چەكلەش ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش قاتارلىق سىستېمىلىق زۇلۇملارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ، ئۇ ئادەم ئورگانلىرىنى ئوغرىلاش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە قارار چىقىرىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا ھەقىقىي تۈردە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن، خىتاي ۋەكىلى سۆز ئېلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تېررورچى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرىنىدىغان بۆلگۈنچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئۇنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشنى ھەمدە ئۇنىڭ ب د ت يىغىن زالىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. بۇ قېتىم دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بۇ يىغىنغا مەركىزى گوللاندىيەدىكى يەر شارىۋىي ئىنسان ھەقىلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى(GHRD) نىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قاتناشقان.
زىيارىتىىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەپەندىم خىتاينىڭ بۇ خىل توسقۇنلۇقلىرى ۋە بۆھتانلىرىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خەلئارا سەھنىلەردىكى ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
