ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق قوشاقلار توپلىمى نەشر قىلىندى

بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تىل ئۇسلۇبى ۋە مائارىپ قىممىتى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ دەپ قارالماقتا.

يېقىندا تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق يېڭى كىتابى نەشر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ئەسەر ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تىل ئۇسلۇبى ۋە مائارىپ قىممىتى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ دەپ قارالماقتا.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بالىلارغا تىل ئۆگىتىشتە گرامماتىكىدىن بۇرۇن شۇ تىلنىڭ رىتىمىنى ھېس قىلدۇرۇش ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىكەن. شۇڭا، كىتابتىكى 62 پارچە قوشاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئۈچ، بەش ۋە يەتتە بوغۇملۇق كلاسسىك رىتىم ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلما بالىلارنىڭ تەلەپپۇزىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەستە ساقلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەن. 120 بەتلىك بۇ كىتابتا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ، «مىڭ ئۆي»، «مەڭگۈ تاش» قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغىچە بولغان كەڭ مەزمۇنلار ئاددىي سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ باراۋەر پايدىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلۇپ، كىتاب ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن لاتىن يېزىقىدا تەييارلانغان. كىتابنىڭ سەنئەت لايىھەسى بالىلار پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان كۆركەم ۋە رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى سۈرەييە قەشقىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلى چەكلەنگەن ئەھۋالدا، بۇنداق كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.