كانادادا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەر كۈچەيمەكتە

كانادا پارلامېنتىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان C-35 قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان دۆلەت، رايون ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.

بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىدارىسى (USTR) نىڭ كانادانى شمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى (USMCA) دىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىدى ھەمدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا قارشى چىقارغان ئۆز قانۇنلىرىنىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىجرا قىلمىدى دەپ قاراپ، كانادا مەھسۇلاتلىرىدىن %10 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغانلىقىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كانادا نۆۋەتتىكى قانۇنلار بويىچە خىتايدىن كەلگەن ھمەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىككى قېتىملىق ئىمپورت يۈكىنىلا رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتىكى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يېتەرسىز ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر قۇل ئىشچىلارنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىللىرى، ئاليۇمىن زاپچاسلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلمەكتە.

كانادا پارلامېنتىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان C-35 قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان دۆلەت، رايون ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشقا، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئاشكارىلايدىغان تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىشكە چاقىرماقتا.