كانادا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى، سېناتور لېئو خۇساكوس (Leo Housakos) 9-ئىيۇن كۈنى كېڭەش پالاتاسىغا بىر تەكلىپ سۇنۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەھبۇس دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
ئۇنىڭ باياناتىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكىدىكى سىڭلىسى رۇشەن ئابباسنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى خۇساكوس باياناتىدا يەنە گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېقىنقى سەككىز يىل داۋامىدا ئۇنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكى، قانداق دەلىللەر بىلەن ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئىشنى «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى» دەپ ئاتىدى ۋە كانادا كېڭەش پالاتاسىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا ۋە گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.
ئۆتكەن ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدا گۈلشەن ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلار توغرىسىدا ئىككى ئايرىم قارار ماقۇللانغان ۋە قارارلاردا پىرېزىدېنت ترامپنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىدا گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىنى بىۋاسىتە كۆتۈرۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
