ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا، خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك سوتلانغان 19 نەپەر قازاق مەھكۇمدىن تۇرسۇنبەك قابىنىڭ ئايالى ئورالخان ئابېنقىزى بۇگۇن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى، پەقەت خىتاينىڭ تەلىپىنىڭ ئەينەن بىجا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە سوت يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان ۋە مەھكۇم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھۆكۈمنامە رەسمىي يازمىچە شەكىلدە بېرىلمىگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە يولدىشى تۇرسۇنبەك قابى، 2017-يىلى ئانا يۇرتى دوربىلجىنگە قايتقان ۋاقتىدا ، يەتتە كۈن قاماقتا ياتقان ۋە بىر يىلچە مىرزا قاماققا يەنى ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ قاماقتىكى مەزگىلدە ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، تاياق زەربىسىدىن ئىككى قۇلىقىنىڭ پەردىسى يىرتىلغان؛ يېتەرلىك داۋالىنىش پۇرسىتى بولمىغاچقا، ئاڭلاش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە تۆۋەنلەپ نۆۋەتتە قۇلىقىدا تىڭشىغۇچى ئاپىرات قوللانماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قاماقتىكى مەزگىلىدە سېلىنغان نامەلۇم ۋاكسىنا سەۋەپلىك ، يولدىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا بىر قاتار بىنورماللىقلار كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، يولدىشىنىڭ تۇرمىدە سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئورالخان يولدىشىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە قازاق مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئۇنتۇيالمىغانلىقى، شۇڭا قويۇپ بېرىلىپ قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلىشتىن توختىمانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " يولدىشىم جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، پەقەت مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلدى."
ئورالخان ئابېنقىزىنىڭ يەنە دېيىشىچە، شۇ كۇنكى نامايىش نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئالىمنۇر تۇرغانباينىڭ دېلوسىغا دىققەت قوزغاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشتا خىتاي بايرىقى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى كۆيدۈرۈلگەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي تەرەپ شۇ قېتىمقى بايراق ۋە رەسىم كۆيدۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن قازاقىستان تەرەپكە نارازىلىق بىلدۇرۇپ ”ئەھۋالنى تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش“نى تەلەپ قىلغان. سوتتا بۇ ھەركەت ”مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش“ دەپ ئەيىبلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ زوراۋانلىق قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇ نامايىشنىڭ دۆلەت زوراۋانلىقىغا قارىتا تىنچلىق شەكلىدىكى نامايىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، قازاقىستاننى ”خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى“ دەپ تەنقىد قىلغان.
بۇ قېتىم جازالانغانلار نەگىز ئاتاجۇرت پىدائىيلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي تۇرمىسىدىكى ئالىمنۇر تۇرغانباينىڭ ئايالى گۇلدارىيا شەرىزاتمۇ بار بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ بىر ئائىلىدىن ئىككى كىشى ئىككى دۆلەتنىڭ قاماق جازاسىنى ئۆتىمەكتە.
