د ئۇ ق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دىننىي باستۇرۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى

سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيى كېلىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننىي ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

د ئۇق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان يەرلىك تۈزۈملەرنى بېكىتىپ، دۆلەت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەپلا قالماي، يېقىندا يەنە ھەر قايسى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ مەنىي قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەگەردە تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە دىننىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرغان.

دىلشات رىشىتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاتۇشتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن بىلدۈرۈشىچە، قىزىلسۇ دائىرىلىرى ھەتتا ئۇيغۇر رېستوران، تاماقخانىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا سودىسىنى توختاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر خوجايىنلارنى دائىرىلەر تۈزگەن توختام، ھۆججەتلەرگە قول قويدۇرغان.

دىلشات رىشىت رادىئومىز ۋە باشقا غەرب مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنياغا ئىنسانىي ھەق ھوقۇق ھەمدە دىننىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىمىز دەپ تەشۋىق قىلىپ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دىننىي ۋە مىللىي شۇنداقلا سىياسىي جەھەتلەردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دىننىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى" دەپ بىلدۈردى.