دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قىسقا خەۋەرلەر گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقى رايونلاردا بىر مىڭ ئىككى يۈز ئائىلە ئۇستىدىن ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈلگەن ئادەم سانى ئۈچ مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈش 5 - ئىيۇلدىن 7 ئىيۇلغىچە، ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ 38 ئادەم تەكشۈرۈش جەريانىدا جازاغا تارتىلغان ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا شەھىرىدە بۇ نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇشتا، مەمۇرى جازا بېرىلىپ تۇرۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر 100دىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار تاكى ئولىمپىك ئاخىرلاشقىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان دىلشات رىشىت: " بۇ ئولىمپىك يىغىنى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئىزچىل دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سىمۋولى" دەپ كۆرسەتتى.